يېقىندا ۋۇيى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى جاۋابكار چىن xنىڭ سۇ پاكىزلاش ماشىنىسىنى ياساشقا كەلگەن خادىم سىياقىدا باشقىلارنى بۇلاپ ئادەم ئۆلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن ئۈلۈمگە ھۆكۈم قىلىپ ، سىياسىي ھوقوقىدىن ئۆمۈرلۈك مەھرۇم قىلدى ھەمدە مال - بىساتىنى مۇسادىرە قىلدى .
جاۋاپكار چىن xنىڭ ئائىلە ئارقا كۆرۈنۈشى خېلىلا ياخشى بولۇپ ، 80 - يىللاردا ياخشى نەتىجە بىلەن ۋۇيى شەھىرىدىكى نۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ، جېجاڭدىكى مەلۇم داڭلىق ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا كىردى . چىن x ئەسلىدە باشقىلارنىڭ نەزىرىدە « كۆپنى بىلىدىغان »لاياقەتلىك بالا ئىدى . بىراق ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ خىزمەت قاينىمىغا چۆككەندىن كىيىن بارا - بارا تۇرمۇشنىڭ ئاچا يوللىرىغا كىرىپ قالدى .ئۇ ۋۇيى شەھىرىدىكى مەلۇم دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىغا ئوڭۇشلۇق خىزمەتكە چۈشكەندىن كىيىن ، تېخىمۇ كۆپ قاينامغا چۆكۈپ بېقىش ئۈچۈن خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ ، سودېگەرچىلىك قىلدى . بىراق كۈتۈلمىگەندە سودىدا مەغلۇپ بولۇپ ، كىيىنكى خىزمىتى پەقەتلا ئەپلەشمىدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئامالسىزلىق ئىچىدە سۇ پاكىزلاش ماشىنىسى يەككە تىجارەتى بىلەن شۇغۇللاندى .
كىيىن بارا - بارا پۇتبول لاتارىيەسىگە قىزىقىپ ، تەلىيىنىڭ ئوڭدىن كېلىپ راھەت تۇرمۇش
كۆرۈشنى ئويلايدىغان بولدى .ئۇ ھەر ئايلىق كىرىمىدىن تۇرمۇشىغا كەتكەن بىر قىسىم
خىراجىتىنى چىقىرىۋەتكەندە قالغان پۇلىنىڭ ھەممىنى لاتارىيە بېلىتى ئېلىش بىلەن
تۈگەتتى . شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ نەچچە يۈز يۈەنگە لاتارىيە بىلىتى ئالىدىغان ئىشتىياقى
بارا - بارا نەچچە مىڭ يۈەنگە يەتتى .ھەتتا يېقىن تۇغقان ، ئەل - ئاغىنىلىرىدىن قەرز ئېلىپ
قەرز سوممىسى200 نەچچە مىڭ يۈەنگە يەتتى .
ئۇ ئاخىرى ماڭىدىغان يول تاپالماي ئۆزى يالغۇز تۇرىدىغان 60 نەچچە ياشلىق شاx قا جىنايەت قولىنى سوزدى . 2010 - يىلى 11 - ئاينىڭ بىر كەچلىكى جاۋاپكار چىن xسۇپاكىزلاش ماشىنىسىنى رېمونت قىلىش باھانىسى بىلەن شاx نىڭ تۇرالغۇسىغا كىرىپ ، ئۇنىڭدىن پۇل سورىدى . شاx ئۇنى تەلىپىگە ئۇنىماي ئۇنى قوغلاپ چىقىرىۋەتمەكچى بولغاندا ، چىن xئىزاغا چىدىماي ئۇنىڭ بېشىغا خىش بىلەن ئۇرۇپ ، بەدىنىگە پىچاق تىقىپ ئارغامچا بىلەن گېلىنى سىقىپ ئۆلتۈرىۋەتتى . ئاندىن ئالتۇن زەنجىر ، ئۈزۈك ، تېلىفۇن قاتارلىق بويۇملىرىنى ئوغرىلاپ نەق مەيداندىن قېچىپ كەتتى . سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭ قەبىھ قىلمىشىغا قارىتا ئۈلۈم جازاسى بەردى .