بىر تەرىپى تاماق جوزىسى ۋە ئورۇندۇق، ھاراق ئىدىشى، يەنە بىر تەرىپىدە ئۈچ دانە ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسى، يەنە بىر يىگىت پۇل ئېلىۋاتىدۇ. بۇ 21-چېسلا كەچتە، فۇجۇدىكى بىر ئاپتوبانكا ئىچىدە يۈز بەرگەن ئىش. بۇ رەسىم تورغا چىقىرىپ مىكروبلوگقا يوللانغاندىن كېيىن، نەچچە مىڭ قېتىم كۆرۈلۈپ تورداشلارنىڭ قىزغىن مۇنازىرىسىگە سەۋەپ بولغان، ھەتتا بىر قىسىم تورداشلار بۇ خوجايىننى ماختاپ: «تالانتى باركەن، كاللىسى ئىشلەيدىكەن، ئورۇننىمۇ بانكا ئىچىگە يۆتكەپ ئەكىرىپتۇ، بۇنداق بولغاندا تېخىمۇ جىق پۇل تاپىدۇ ئەمەسمۇ» دېيىشكەن.
تۆنۈگۈن كەچ سائەت 7 دە، مۇخبىر نەقمەيدانغا كېلىپ، ئاشخانا تەرىپىدىن ئىگەللەنگەن ئاپتوبانكىنى كۆزدىن كەچۈرگەن، بۇ چاغدا ئىچىدىكى تاماق جوزىلىرى ئاللىقاچان يۆتكەپ ئېلىپ كېتىلگەن ئىكەن.
تۆنۈگۈن چۈشتىن كېيىن، مۇخبىر شىڭيې بانكىسىنىڭ فۇجۇ تارمىقىدىن ئەھۋال ئۇقۇشقان. كۆزىتىش كامېراسىدىن قارىغاندا، بۇ ئەھۋال ھەقىقەتەن سادىر بولغان ئىشكەن. شىڭيې بانكىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىمىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئاپتوبانكا ئىچىگە مەخسۇس خادىم ئورۇنلاشتۇرمىغان، بۇ باشقۇرۇشقا بىر ئاز قولايسىزلىق ئېلىپ كەلگەن. ئۇنىڭ يەنە دېيىشىچە، ئاپتوبانكا ئىچىگە تاماق جوزىسى تىزىش، بانكىنىڭ تىجارىتىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، يەنە نۇرغۇن ئامانەت ئىگىلىرىنىڭ مەنپەتىنىمۇ زىيان - زەخمەتكە ئۇچراتقان، بۇ ئەھۋالنى چوقۇم توسۇش كېرەككەن.
نۆۋەتتە، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بۇ خىلدىكى ئەھۋالنىڭ قايتا يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى ھەققىدە ئىزدىنىۋېتىپتۇ.