ئامېرىكىلىق ياش يىگىت مايكىل جۇڭگوغا ساياھەتكە كېلىپ جۇڭگولۇق ياش قىز خۇاڭ لىنى بىر كۆرۈپ ياخشى كۆرۈپ قالدى ،ئۇ بۇ چىرايلىق قىزنى ئىككى يىل قوغلاشقاندىن كېيىن ئاخىرى ئۇنى تەسىرلەندۈردى . خۇاڭ لى كۆڭۈلدىكىدەك خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ مايكىل بىلەن ئامېرىكىغا قاراپ ئۇچتى . ئويلىمىغان يەردىن ، شېرىن ئاينى ئۆتكۈزۈپ بولۇپ ئۇزاق ئۆتمەي مايكىل قىزغا سىرتقا چىقىپ خىزمەت تېپىپ ئىشلەش تەكلىپنى بەردى .« قەدىرلىكىم ، مەن سىزنى دەپ خىزمىتىمدىن ئىستېپا بەردىم ، يەنە ئاتا – ئانامدىن ۋە يۇرتۇمدىن ئايرىلىپ بۇ يەرگە كەلدىم ، ئەجەبا مەن سىز ئۈچۈن مۇشۇنچىلىك قۇربانلارنى بەرگەن يەردە سىز مېنى ئازراق چۈشەنسىڭىز نېمە بولىدۇ ؟ مېنى نەچچە يىل باقسىڭىز نېمە بوپتۇ ؟ » دېدى خۇاڭ لى نازلىنىپ تۇرۇپ . « نېمە ؟» مايكىل ھەيران قالغان ھالدا توۋلىۋەتتى ، بۇ قانداقمۇ قۇربان بېرىش بولسۇن ؟ بۇ سىزنىڭ تاللىشىڭىزغۇ ؟ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز رازىلىقىڭىز بىلەن قىلغان ، شۇنداق ئەمەسمۇ ؟! بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ خۇاڭ لى ئايلىنىپ كەتكىلى تاس قالدى ، ھەم نىكاھتا جۈپتىنى خاتا تاللاپ قويغانلىقىنى ھېس قىلدى ، ئاخىرى بېرىپ خۇاڭ لى قىلچە تونۇش بولمىغان بۇ يەردە خىزمەت تېپىشنى خالىمىغانلىقى ئۈچۈن مايكىل ئۇزاق ئۆتمەي ئۇنىڭغا ئاجرىشىپ كېتىش تەكلىپىنى بەردى . خۇاڭ لى يولدىشى بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن يولدىشى قالدۇرغان مال – مۈلۈكلەرنىمۇ خەجلەپ تۈگەتتى ، ئۇ ئاخىرى ئامالسىز باشقىلارغا ياللىنىپ ئىشلەش ئارقىلىق جېنىنى بېقىشقا مەجبۇر بولدى ، ئۇ بارا – بارا ئىگىلىك تىكلەپ بېيىشقا باشلىدى . ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ ئەسلى مەنىسى چۈشەنگەن خۇاڭ لى شۇنى چۈشىنىپ يەتتى ، ئەسلىدە ئامېرىكىلىقلارنىڭ نەزىرىدە پەقەت قارشى تەرەپنىڭ تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىش دېگەن ئۇقۇملا مەۋجۇت ، باشقىلار ئۈچۈن قۇربان بېرىش دېگەن ئۇقۇم مەۋجۇت ئەمەس ، شۇڭلاشقا بەزى ئىشلارغا قارار چىقارغاندا چوقۇم ئۆزىڭىزنىڭ ھەقىقىي رازىلىقىڭىز بويىچە قارار چىقىرىڭ ، چۈنكى قارشى تەرەپ ھەرگىزمۇ سىزدىن « تەسىرلىنىش » بەدىلىگە سىزنىڭ بارلىق ئېغىرلىقىڭىزنى كۆتۈرمەيدۇ . بۇ بىز ئۈچۈن ئېيتقاندىمۇ ئوخشاش داۋلى ئەمەسمۇ ؟ باشقىلارنى ھەرگىزمۇ ئۆزىڭىزنىڭ قارارىدىن كېلىپ چىققان ئاقىۋەتكە جاۋابكار قىلماڭ ، ھەم باشقىلارنىڭ سىزگە مەسئۇل بولمىغانلىقىدىن ئاغرىنماڭ . ئۇنىڭدىن باشقا ئۆزىڭىز تاللىغان ھوقۇق - مەنپەئەت ۋە ئەركىنلىكتىن مەڭگۈ ۋاز كەچمەڭ ، مۇشۇنداق بولغاندىلا ئاندىن ئۆز بەختىڭىزنى قولىڭىزدا تۇتالىشىڭىز مۇمكىن .
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-8-23 10:51:10 ئۇقۇلۇشى: 221 قېتىم] |
|