يېقىندا ئېلان قىلىنىشىچە، 51job.com تور بېتىگە تىزىملاتقان ئابونتنىڭ سانى 50 مىليوندىن ئاشقان بولۇپ، 25-29 ياشتىكى خىزمەت ئىزدەيدىغانلار سانى %40 دىن ئاشقان، سودا سېتىق ۋە ئۇچۇر تېخنىكا كەسپىدىن كەلگەن توردا خىزمەت ئىزدەيدىغانلار ئەڭ كۆپ بولغان. تور ۋاسىتىسى، ئىختىساسلىقلار تەجرىبە ئالماشتۇرۇش يىغىلىشى ۋە كەسىپ تونۇشتۇرۇش ئورۇنلىرى ياشلار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئېقىمغا ئايلانغان. 51job.comبولسا 1999- يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، 2007- يىلى 8- ئايدىن 3- ئايغىچە تىزىملاتقان ئابونت20 مىليوندىن ئېشىپ، ئابونتى تەدرىجىي 50 مىليون ئاشقان.
مەبلەغ مۇتەخەسسىسى پىڭلىجۈەننى دېيىشىچە، توردا خىزمەت ئىزدەيدىغانلار ئاساسلىقى IT ۋە مەھسۇلات تارقىتىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار بولۇپ، ياللىغۇچى خوجايىنلار ئاساسلىقى چەتئەلنىڭ دۆلەت ھالقىغان كارخانىلىرى بولۇپ، تەكلىپ قىلىنغۇچىغا ئىنگىلىس تىلىنى پىششىق بىلىش ۋە كەسپى تەجرىبىسى بولۇش تەلەپ قىلىنىدىكەن.