تەۋسىيە
خەۋەرلەر |
|
توپنى ياخشى ئوينىغا.. | NBA ئىككى تەرەپ سۆھبى.. | پائۇل باشقىلارنىڭ ك.. | ۋاسكىتبول چولپىنى ج.. | كوبى ئىتالىيە توپ م.. | جۇڭگو ئامېرىكا مائا.. | كىنۇ ئارتىسى ئەنجىل.. | شاكىرا يۈزسىزلىك قى.. | |
|
|
ئايلىق مائاشى 2000 غا يەتمەيدىغان بويتاقلار سەرمايە يۈرۈشتۇرۇشتا قانداق قىلىشى كېرەك |
مەنبە: www.licaiabc.com.cn
2011-08-19 06:18
شەھەرلەردە مائاشى بىر ئىككى مىڭ كېلىدىغان ياشلارنى ئۇچرىتىش قىيىن ئەمەس. نۇرغۇن ياشلار گەرچە بىر يىلدىن كۆپرەك ئىشلىسىمۇ، لېكىن قەتئىي پۇل يىغالمايدۇ. مائاش يۇقىرى بولمىغان تەقدىردىمۇ مۇۋاپىق پىلان تۈزۈش كېرەك، بولمىسا مائاشىڭىز ئاشقان تەقدىردىمۇ يەنىلا پۇل يىغالماي يۈرۈيسىز. تۆۋەندىكى بىر قانچە ئۇسۇل مائاشى 2000 غا يەتمىگەن ياشلارنىڭ سەرمايە يۈرۈشتۇرۇشىدا ئومۇميۈزلۈك بولغان ئۇسۇللاردۇر. سىناپ بېقىڭ، ئۈنۈمىنى كۆرسىڭىز ئەجەب ئەمەس. 1. ھېساباتنى خاتىرىلەش ھېساباتنى خاتىرىلەشتىكى مەقسەت، كىرىم ۋە چىقىم مىقدارىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، پىلانلىق ئىستېمال قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن. يېڭىدىن خىزمەتكە چىقىپ ئۇزۇن بولمىغانلار، ئەڭ ياخشىسى ھەربىر ئىستېمالىنى خاتىرىلەپ قويۇشى لازىم. بۇنداق قىلغاندا ھەر ۋاقىت، ھەر قانداق جايدا ئۆزىڭىزنىڭ مالىيە ئەھۋالىڭىزغا قارىتا ئېنىق چۈشەنچە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئورۇنسىز پۇل خەجلىشىڭىزنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، بىر قىسىم زۆرۈر بولمىغان چىقىمدىن قۇتۇلۇپ قالىسىز. 2. پۇل ئامانەت قويۇش ئالدىنقى بىر قانچە ئايدا ئاشقان پۇللارنى باشقا ئورۇنلارغا خەجلىمەستىن، بىۋاسىتە قەرەلسىز ئامانەتكە قويۇڭ. ئالدىنقى بىر قانچە ئايدا يىغىلغان پۇلنى 2-3 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزۈڭ. بۇنداق قىلغاننىڭ ئىككى خىل پايدىسى بار: بىر تەرەپتىن ئامانەتكە قويۇلغان پۇلنى تۇرمۇشتا جىددىي ئىشلىتىدىغان زاپاس پۇلنىڭ ئورنىدا ساقلاشقا بولىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن، يېڭىدىن خىزمەتكە كىرگەن ياشلار ئۈچۈن، بۇنداق پۇل ئامانەت قويۇش ياخشى بولغان سەرمايە يۈرۈش-تۇرۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرىدۇ. 3. سۇغۇرتا قىسقا مۇددەتلىك كۈتۈلمىگەن ۋەقە سۇغۇرتىسى سېتىۋېلىش ناھايىتى زۆرۈر. ياشلار روھلۇق، ھەرىكەت قىلىشقا ئامراق بولۇپ، تاسادىپىي كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەرگە يولۇقۇش نىسبىتى باشقىلارنىڭكىگە قارىغاندا يۇقىرىراق بولىدۇ، توردا، مەلۇم بىر سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ بىر تۈرلۈك سۇغۇرتىسى بار بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 5- مىڭ يۈەنلىك تاسادىپىي ھادىسىدە يارىلىنىش، كۆيۈپ قېلىش بىلەن 5 مىڭ يۈەنلىك داۋالىنىش راسخوتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، باھاسى ئاران 68 يۈەن ئىكەن، بۇ ياشلار ئۈچۈن ياخشى بىر تاللاش ھېسابلىنىدۇ ۋە ئىجتىمائىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ تولۇقلىمىسى ئورنىدا ھېسابلاشقىمۇ بولىدۇ. 4. قەرەللىك فوندقا مەبلەغ سېلىش بۇ قەرەللىك ھالدا بەلگىلەنگەن سوممىدا فوندقا مەبلەغ سېلىشنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر ھەر ئايدا قولىڭىزدا 300 يۈەن ئاشسا، ھەر ئاينىڭ بىر كۈنىدە 300 يۈەن ئەتراپىدىكى مۇقىم سوممىلىق فوندقا مەبلەغ سالسىڭىز بولىدۇ. فوندقا مەبلەغ سېلىشنىڭ ياخشى تەرىپى كېتىدىغان مەبلەغ ئاز، مەبلەغ كۆپىيىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011/8/19 19:43:40 ئۇقۇلۇشى: 345 قېتىم] |
|
|
|
|
| | ئىنكاس يوللغۇچى : ئالىمجان بۇ ناھايىتى ياخشى ئامالكەن ، سىناپ باقساق بولغۇدەك !!!!!!!!!!! يوللىغان ۋاقىت: 2011/8/19 20:03:33 [كەلگەن ئورنى: 124.117.114.110]
|
لىۋىيە ھاكىمىيەت.. | تۈركىيە ئىسرائىل.. | لېۋىيەدە ئىچكى ئ.. | فەن بىڭبىڭ ئەڭ چى.. | خۇڭ جىن باۋ بېيجى.. | دوختۇرىنىڭ جېكسۇ.. | ھويلا-ئارام ئىگى.. | روسىيە ئىچكى ئىش.. | ھۈسەن بورىت چەكل.. | توپنى ياخشى ئوين.. | NBA ئىككى تەرەپ سۆ.. | چەتئەلگە چىقىپ ك.. |
|
|
|
شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى (2010 - 5 -
17)
, ئالاقىلىشىش
تىلىفۇنى : 13139663453
, 新ICP备10001556号 |
|