يېقىندا،ئاخبارات ۋاسىتىلىرى زامانىۋى نومۇرى “TJ55、AZ88、WL15、YX86” بولغان تۆت خىل يۈز يۈەنلىك ساختا پۇلدىن ھەزەر ھەيلەش توغرىسىدىكى خەۋەرنى تارقاتتى.مەركىزى خەلق بانكىسى 17-ئاۋغۇست زامانىۋى نومۇرى “TJ55、AZ88、WL15、YX86” بولغان ساختا پۇللار 2010-يىلى 9-ئايدىن بۇيان دۆلەت ئىچىدە بايقالغان كېيىن،ساختا پۇل ياساش تېخنىكىسىدا يېڭى بۆسۈش بولمىدى،پۇل ساناش ماشىنىسى ئارقىلىق پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ،-دېدى.
مەركىزى خەلق بانكىسى بۇ خىلدىكى ساختا پۇللاردا كۆرۈلىدىغان ،راست پۇل بىلەن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان روشەن ئالاھىدىلىكلەرنى مۇنداق ئون نۇقتىغا يىغىنچاقلىدى.
1.پۇلنىڭ پارقىراقلىقى ئاجىز،ئۇلترا بىنەپشە يورۇقلۇققا تۇتقاندا پارقىرىمايدۇ، پۇل قەغىزى سىلىق ئەمەس.2.پۇل يۈزىگە چۈشۈرۈلگەن ئادەم سۈرىتى ئوچۇق ئەمەس،كىشىگە سىتىرۇلۇق تۇيغۇ بەرمەيدۇ.
3.سۇ باسمىسىنىڭ يورۇقلۇق ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمى تۆۋەن.
4. مىكرو كوپىيە يېزىقى ئېنىق ئەمەس.
5.رېزىنكە باسما ئورىنى توغرا ئەمەس،باسما سۈرەت ئوچۇق ئەمەس.
6.باسما ماي ئۈستىدىكى شىفىرلار يېشىل رەڭلىك باسما مايدا بېسىپ چىقىرىلغانلىقتىن،نۇر ئۆزگىرىشچانلىقى يوق.7.باش ھەرپ نومۇرلىرى قالايمىقان،تەكشىسىز.
8.بەزى ساختا پۇللارنى قوپال،ئۆلچەملىك ئەمەس.بەزىلىرى بېسىپ چىقىرىلغان نۇسخا.
9.بەزى ساختا پۇللاردا ئوخشىتىپ ياسالغان رەڭسىز يالتىراق نۇر مېيى ياكى رەڭلىك يالتىراق نۇر مېيىدا بېسىپ چىقىرىلغان سۈرەتلەر يوق
10 .بەزى ساختا پۇللار رەڭلىك نۇر مېيى ئىشلىتىلمىگەن ياكى ئىشلىتىلگەن رەڭلىك نۇر مېيى راست پۇلغا سېلىشتۇرغاندا پەرق كۆپ.