ئون ئالتە ياشلىق قىز بىلەن مۇھەببەتلەشكەن شىتات باشلىقى خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قالدى |
خەلقئارا تورى مەخسۇس خەۋىرى:«دۇنيا گېزىتى» نىڭ 8- ئاينىڭ 14- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، گىرمانىيە سىلەسۋېگ- ھولستەيىن شىتاتىنىڭ شىتات باشلىقى نامزاتى كىرىستىيان.ۋون. بوتتىچىر يېقىندا 16 ياشلىق قىز بىلەن توردا مۇھەببەتلەشكەنلىكى ئۈچۈن مەجبۇرى خىزمىتىدىن ئىستىپا بەردى. 2012- يىلى 5- ئاينىڭ6-كۈنىدىكى سايلامغا توققۇز ئاي قالغاندا، CDU دىكىلەر رەئىس نامزاتىدىن ئايرىلىپ قالدى. بۇ پارتىيە سىلەسۋېگ- ھولستەيىن شىتاتىدىكى رەئىسى شۇنداقلا پارلامىنىت پارتىيە-گورۇھ رەئىسى كىرىستىيان.ۋون. بوتتىچىر بىر قورامىغا يەتمىگەن قىز بىلەن مۇھەببەتلەشكەنلىكى ئۈچۈن مەجبۇرى ئىستىپا سورىدى. بىراق ئۇنىڭ پارتىيە گۇرۇھلار رەئىسىلىك ئىمتىيازى يەنىلا ساقلىنىپ قالىدىكەن. شۇ يەر ۋاقتى شەنبە كۈنى CDU ئالاھىدە يېغىن ئېچىپ، بوتتىچىرنى مەجبۇرى ئىستىپا سوراشقا مەجبۇر قىلدى. بوتتىچىر مۇنداق دەيدۇ:« توغرا مەن 2010- يىلى يازدا بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم، ئۇنىڭ بىلەن نەچچە ئاي ئارىلاشتىم».ئۇ قىز ئەمدىلا 16 ياش كىرگەن. بوتتىچىر ئۆزىنىڭ «نورمال بولمىغان مۇھەببەت سەزگۈزەشتىسى» نى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى ئىتراپ قىلدى. گەرچە ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى قانۇنلۇق بولسىمۇ، بىراق نۇرغۇن ئادەملەر ئۇلارنى ئەخلاقسىزلىق قىلدى، دەپ قارىدى. بوتتىچىر ياش تۆكۈپ مۇنداق دېدى:« مەن ھىچقانداق خاتالىق ئۆتكۈزمىدىم. شۇنداقلا سىياسىي خاتالىقمۇ ئۆتكۈزمىدىم. پەقەت مەن بۇ خىل مۇھەببەتنىڭ سىياسىي ھاياتىمغا تەسىر يەتكۈزۈدىغانلىقىنى ئويلاپ باقماپتىمەن. مەن ئۈمىدسىزلەندۈرگەن كىشىلەردىن كەچۈرۈم سورايمەن».
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-8-16 10:29:11 ئۇقۇلۇشى: 732 قېتىم] |
|