شەندۇڭدىكى پەۋقۇلئاددە ۋەقەنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرىنىڭ كارخانىلارنىڭ مەسئۇللۇقىنى ئۆتۈشى ئۆمۈرلۈك چەكلەندى |
شەندۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى، ئۆلكە باشلىقى جياڭ دامىڭ ئۆلكىلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تېلېۋىزىيەلىك تېلېفون يىغىنىدا مۇنداق دېدى: چوڭ، پەۋقۇلئاددە ئېغىر ۋەقەلەردىكى ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى بار كارخانىلارنىڭ باش مەسئۇللىرى ئۆمۈر بويى كەسىپ، كارخانا مەسئۇللىقىنى ئۆتىمەيدۇ.
77-ئايدىن بۇيان، شەندۇڭدا ئۇدا ئۈچ قېتىم پەۋقۇلئاددە ئېغىر ۋەقە يۈز بەردى.شەندۇڭ ئۆلكىسىدىكى تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى:ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى بىر سەۋەپ نۆۋەتتە قىسمەن كارخانىلار بولڭپمۇ ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنىڭ بېخەتەر باشقۇرۇشى قالايمىقان.بەزى كارخانىلارنىڭ بېخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۇرۇشى جايىدا ئەمەس.بەزى كارخانىلارنىڭ بېخەتەرلىك سېلىنمىسى يېتەرلىك ئەمەس.
بۇ قېتىمقى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تېلېۋىزىيە يىغىنىدا،جىياڭ دامىڭ ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ۋاقتىدا دوكلات قىلىشنى،ۋەقە ئۇچۇرى توغرا ۋە ئېنىق بولۇشى شۇنداقلا ۋەقەنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.ئۇ مۇنداق دېدى: ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ۋاقتىدا دوكلات قىلىپ، ۋەقە ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا ئاشكارىلاش ھەم ۋەقەنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك، ۋەقە ۋە خەتەرلىك ئەھۋال يۈز بەرگەن ھامان، بەلگىلىمە بويىچە ئالدى بىلەن يۇقىرىغا مەلۇم قىلىش لازىم، كېچىكتۈرۈپ، يوشۇرۇپ مەلۇم قىلىش ۋە چالا مەلۇم قىلىشقا بولمايدۇ. ئېغىر، پەۋقۇلئاددە ئېغىر ۋەقەلەردىكى ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى بار كارخانا باش مەسئۇللىرىنىڭ كەسىپ، كارخانا مەسئۇللۇقىنى ئۆمۈر بويى ئۆتىشىگە بولمايدۇ؛ بىر قەدەر ئېغىر ۋەقەلەردىكى كارخانا ئاساسلىق مەسئۇللىرىنىڭ بەش يىل ئىچىدە مۇشۇ كەسىپ، كارخانىنىڭ مەسئۇللۇقىنى ئۆتىشىگە بولمايدۇ.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011/8/15 11:57:53 ئۇقۇلۇشى: 281 قېتىم] |
|