دۇنيادىكى داڭلىق مۇزىكىلىق دىراما |
خەلقئارا تورى خەۋىرى: دۇنيادىكى داڭلىق مۇزىكىلىق دىراما « mamma mia» نىڭ خەنزۇچە نۇسخىسى 8- ئاينىڭ 12- كۈنى بېيجىڭ ئەسىر تىياتىرخانىسىدا قويۇلىدىكەن. بۇ دراما بېيجىڭدا 80 مەيدان قويۇلىدىكەن. «mamma mia» ناملىق مۇزىكىلىق دىرامىدا گرېتسىيەدىكى بىر كىچىك ئارالدىكى رومانتىك مۇھەببەت ھىكايىسى سۆزلىنىدۇ. بۇ درامانىڭ ۋەقەلىكى ئەگرى-توقاي بولۇپ، مۇھەببەت، دوسىتلۇق ۋە تۇغقانلىق قاتارلىق كۆپ خىل ئىلمىنىتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇ فىلىم 1999- يىلى تۇنجى قېتىم قويۇلغان. پۈتۈن يەر شارىدىكى تاماشىبىنلىرى 42 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن. «mamma mia» نىڭ خەنزۇچە نۇسخىسى بولسا پۈتۈن يەرشارىدىكى 40 ىنچى تىل نۇسخسى. جۇڭگو تەرەپ بىلەن بۇ درامىنىڭ ئەسلى ئىشلگۈچىسى بولغان ئەنگلىيە تەرەپنىڭ ھەمكارلىقىنىڭ نەتىجىسى. بۇ درامىدا تاماشىبىنلار «مېيخۇا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن» دراما ئارتىسى تيەنيۈەن، داڭلىق ناخشىچى شېن شياۋچېن قاتارلىقلار كامالەتكە يەتكەن ماھارىتى بىلەن ئورۇنلايدۇ. «mamma mia» نىڭ خەنزۇچە نۇسخىسى 8- ئاينىڭ 5- كۈنى شاڭخەيدە 32 مەيدان ئويۇن قويۇپ، كۈچلۈك ئالقىشقا ئېرىشتى. 16 مىليون يۈەنلىك بېلەت كېرىمى ياراتتى. بۇ قېتىم بېيجىڭدا قويۇلۇپ بولغاندىن كېيىن گۇاڭجۇدا قويۇلىدىكەن.
mamma mia ئەسلى فىلىمى
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-8-9 13:44:38 ئۇقۇلۇشى: 165 قېتىم] |
|