دۇنياغا داڭلىق كومېدىيە ئارتىسى «پۇرچاق ئەپەندىم» ماشىنا ھادىسىسىگە ئۇچرىدى |
خەلقئارا تورى مەخسۇس خەۋىرى: ئەنگلىيە «كۈندىلىك ئەينەك گېزىتى» نىڭ 8- ئاينىڭ 4- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىلگىرى «پۇرچاق ئەپەندى»(Mr.Bean) فىلىمىدە رول ئالغان ئەنگلىيەلىك داڭلىق كۈلدۈركە تېلېۋىزىيە فىلىم ئارتىسى روۋان. ئاتكىنسون شۇ كۈنى كەچتە ماشىنا ھادىسىسىگە ئۇچراپ يارىلىنىپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ داۋالىنىۋاتىدۇ.«كەچكى يۇلتۇز گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋەقە ئەنگلىيەنىڭ كامبىرجتىكى ھاددونغا يېقىن جايدا يۈز بەرگەن. ئاتكىنسىننىڭ مۇسابىقە ماشىنىسى تۇيۇقسىز كونتىروللىقىنى يوقىتىپ، بىر دەرەخكەسوقۇلغان، ئارقىدىن يەنە بىر كوچا چىرىقىغا سوقۇلۇپ كېتىپ، ئوت ئېلىپ كەتكەن. ئاتكىنسىن ئاران دېگەندە يامىشىپ چىققان. قۇتقۇزۇش خادىملىرى شۇ كۈنى كەچ سائەت يەتتە يېرىمدا قۇتقۇزۇش تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋىلىپ دەرھال يېتىپ كەلگەن. ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ئوتنى ئۆچۈرۈپ ئاتكىنسىننى دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان.خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئۇنىڭ بېلىكى ئېغىر يارىلانغان. بۇ ھەشەمەتلىك مۇسابىقە ماشىنىسىنىڭ باھاسى 650 مىڭ فونىسترلىڭ بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى سۈرئىتى 368 كىلومېتىرغا چىقىدىكەن. كۆرگۈچىلەرنىڭ دېيىشىچە، ماشىنا بەك قاتتىق سوقۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ھايات قالغانلىقى ئۇنىڭ تەلىيى ئىكەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-8-6 12:55:25 ئۇقۇلۇشى: 424 قېتىم] |
|