سامسوڭنىڭ قوش يادرولۇق تاختا كومپيۇتېرى ئەنگليەدە بازارغا چىقتى |
تېڭشۈن تورى 8-ئاينىڭ 5-كۈندىكى خەۋىرى: چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا سامسوڭ شىركىتىنىڭ Galaxy Tab 8.9 تاختا كومپيۇتېرى ئەنگليەنىڭ ئامازون تور بېكىتىدە ئالدىن سېتىلىشقا باشلىغان. سېتىلىش باھاسى 605.34 ياۋرو بولغان. ئىگىلىنىشىچە بۇ تاختا كومپيۇتېرغا NVIDIA Tegraنىڭ ئاساسى چاستوتىسى 1GHz بولغان قوش يادرولۇق مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچى، 1280×800لىق 8.9 ئىنگلىز سۇڭلۇق سېزىمچان ئېكران ئىشلىتىلگەن. سامسوڭ شىركىتىنىڭ ئۆزى ئىشلەپچىقارغان TouchWiz UX كۆرۈنمە مۇھىتىدىكى Android 3.0 مەشغۇلات سىستېمىسى قاچىلانغان، بەزى خەۋەرلەرگە قارىغاندا سامسوڭ شىركىتى بۇ كومپيۇتېرنىڭ سىستېمىسىنىڭ دەرىجىسىنى Android 3.2نۇسخىسىغا ئۆستۈرگەن. بۇ تاختا كومپيۇتېرغا كۆك چىش تېخنىكىسى، GPS يول باشلىغۇچىسى،WiFi سىمسىز تور تېخنىكىسى ئىشلىتىلگەن؛ ئالدى كەينى يۈزىگە ئايرىم-ئايرىم ھالدا 2مىليون پېكسىللىق ۋە 3مىليون پېكسىللىق كامېرا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، 1080Pسۈزۈكلىكىتكى سىن ھۆججىتىنى قويالايدۇ. كومپيۇتېر گەۋدىسىنىڭ چوڭ كىچىكلىكى 230.9×157.8×8.6mm، ئېغىرلىقى 470 گرام كېلىدۇ. بىر تال 6000mAhلىق باتارېيە سەپلەنگەن. ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا ئامازون تورىدا بۇ كومپيۇتېرنىڭ ئاق رەڭدىكى3G نەشردىكى نۇسخىسى سېتىلىشقا باشلىغان، سېتىلىش باھاسى 605.34 ياۋرو بولغان. 8-ئاينىڭ 12-كۈندىن باشلاپ رەسىمى تۈردە سېتىشىنى باشلايدىكەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011/8/6 12:44:46 ئۇقۇلۇشى: 243 قېتىم] |
|