قەدىناسىدىن ئايرىلىپ قالغان ئورانگۇتان بەڭگى بولۇپ قالدى |
شىئەن چىنلىڭ ياۋايى ھايۋاناتلار باغچىسىدا «ئەي ئەي» ئىسىملىك بىر ئانا ئورانگۇتان 16 يىل ئاۋۋال ئېچىنىشلىق ھالدا ئۇزۇن يىللىق قەدىناسىدىن ئايرىغاندىن كېيىن، ئىچى سىقىلىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان. ئۇ شۇنىڭ شۇنىڭ ئىچىدىكى دەرد-ئەلەملىرىنى پۇشۇرالماي، تاماكىغا ئۆگىنىپ قىلىپ، ئۇزۇن يىللار تاماكا چەككەن. كېيىن، ئۇ يېڭىدىن بىر قەدىناس تاپقا. ئەمما، 1997-يىلى ئۇنىڭغا يەتتە يىلدىن بۇيان ئىزچىل ھەمرا بولۇپ كەلگەن كېيىنكى قەدىناسى ئېغىر كېسەل سەۋەبىدىن يورۇق دۇنيا بىلەن مەڭگۈ خوشلىشىپ، ئۇنى ئېغىر ئازابتا قويۇپ كېتىپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇزۇن ئۆتمەي بىر بالا ئورانگۇتاننىڭ ھەمراھلىقىدا شېنياڭغا «ياتلىق» قىلىنغان. ئەمما ئۇنىڭ بۇ بالىسىمۇ ئۆلۈپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ تاماكىغا بولغان خۇمارى ئىلگىرىكىدىن نەچچە ھەسسە كۈچىيىپ كەتكەن. كۈنىگە نەچچە قاپ تاماكا چەكمىسە بولمايدىغان دەرىجىگە يەتكەن. بۇ رەھىمسىز پەلەك ئالدىدا «تاماكا ئارقىلىق دەرد-ئەلىمىنى يەڭگىللىتىش» ئېغىر مۇسىبەتكە قالغان ئورانگۇتاننىڭ بىردىنبىر تاللىشى بولۇپ قالغان.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-8-5 12:29:00 ئۇقۇلۇشى: 184 قېتىم] |
|