ستۇدېنت قىزچاق بالىسى بىلەن بىللە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈردى |
شىياۋيەن(سولدىن 1-قىز) يېرىم ياشقا كىرگەن قىزى بىلەن مەكتەپ پۈتتۈرۈش رەسىمىگە چۈشتى
شىياۋيەن گۇاڭجۇدىكى مەلۇم بىر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بولۇپ 2007-يىلىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى. ئالىي مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىغا چىققاندا تۇيۇقسىز ھامىلدا بولۇپ قالغانلىقىنى بايقاپ ئۆزى ئوقۇغۇچى بولغاچقا ناھايتى ئەنسىرەپ،تەمتىرەپ قالغان.لېكىن ئۇ بولغۇسى ئېرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئۆيدىكلەرنىڭ پكىرىنى ئېلىپ ئاخىرى بالىسىنى تۇغماقچى بولغان،مەكتەپمۇ ئوقۇغۇچىلار قوللانمىسىدا يېزىلغان قائىدە-تۈزۈم بويىنچە ئۇنىڭ بالىلىق بولىشىغا يول قويغان. ئۇ : « مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار قوللانمىسدا مۇشۇنىڭغا ئائىت ئېنىق بەلگىلىمە بار ئىكەن،پەقەت توي خېتى ۋە تۇغۇشقا رۇخسەت قىلىش خېتى بولمىسا بولدىكەن،بىز بۇلارنى يېرىم ئايدىلا بېجىرىپ بولدۇق دېدى. شۇنىڭ بىلەن شىياۋيەن مەكتەپ پۈتتۈرۈشتىن بۇرۇن بىر قىز تۇغدى،مەكتەپ پۈتتۈرگەندە يېرىم ياشقا كىرگەن قىزىنى ئېلىپ بىرگە رەسىم چۈشتى. شىياۋيەن ئۆزىنىڭ ئىشلىرىنى سۆزلەپ،مەن قىزىم ياكى باشقا قىزلارنىڭ مېنىڭ تۇتقان يولۇمنى تۇتماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.مەن بىر ئالاھىدە مىسال،شۇنداق ئىش بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق قىلماي ئامالسىز قالغان ئالاھىدە مىسال. باشقا ئاچا-سىڭىللارنىڭ ئۆزنى چۈشۈنىشىنى،ئۆزنى قوغدىشىنى،ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ئىش قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. باشقىلار ھەرگىز مەندىن ئۆگەنمەڭلار، مەن ئالاھىدە مىسال،لېكىن ياخشى،ئۆگىنىشكە ئەرزىيدىغان مىسال ئەمەس دېدى.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-8-4 11:40:14 ئۇقۇلۇشى: 243 قېتىم] |
|