ئۆزبىكىستاندا ئىمتىھان ۋاقتىدا بارلىق تېلېفونلارنىڭ ئۇچۇر،تور مۇلازىمىتى ۋاقىتلىق توختىتىلدى |
مەنبە: gb.cri.cn
2011-08-03 07:44
خەلقئارا تورى مەخسۇس خەۋىرى:ئاۋسترالىيە ئاخبارات تورى خەۋىرىگە قارىغاندا، 8- ئاينىڭ 2- كۈنى ئۆزبىكىستاندىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى رەسىمىي باشلىنىدۇ.ئۇلار تېلېفون ئارقىلىق كۆچۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۆزبىكىستان تېلېگراف تىجارىتى ئىدارىسى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە تېلېفوندا تورغا چىقىش ۋە ئۇچۇر يوللاش مۇلازىمىتىنى توختىتىۋەتتى. ئۆزبىكىستان gazeta.uz تور بېكىتىنىڭ يېقىنقى خەۋەرلىرىدە دېيلىشىچە، 8- ئاينىڭ 2- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت توققۇزدىن باشلاپ،ئۆزبىكىستاندىكى بەش چوڭ پوچتا تېلېگراف ئىدارىسى بىر تۇتاش ھالدا، تېلېفوننىڭ تورغا چىقىش، قىسقا ئۇچۇر يوللاش ۋە رەسىم يوللاش قاتارلىق مۇلازىمەتلىرىنى ۋاقىتلىق توختىتىۋىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھاندا كۆچۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئىمتىھاننىڭ ئادىللىقىغا كاپالەتلىك قىلغان. ۋاقىتلىق توختىتىلىپ، تەخمىنەن تۆت سائەتتىن كېيىن ئەسلىگە كەلدى. ۋاقىتلىق توختىتىلغان ۋاقىتتا 19 مىليوندىن ئارتۇق ئۆزبىكىستان خەلقى توختىتىلغان مۇلازىمەتلەرنى ئىشلىتىشكە ئامالسىز قالدى. بىراق ئادەتتىكى سۆزلىشىش تەسىرگە ئۇچرىمىغان. gazeta.uz تور بېكىتى مۇنۇلارنى بىلدۈردى:« ئۆزبىكىستان ھۆكۈمىتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆچۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، تېلېگراف شىركەتلىرىنىڭ ھەر يىلى مۇشۇ ۋاقىتتا يۇقارقىدەك مۇلازىمەتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ساقچىلار ئىمتىھان مەيدانى ئالدىدا تۇرۇپ، تېلېفۇن قاتارلىق كۆچۈرۈشى مۇمكىن بولغان ئەسلىھەلەرنى قاتتىق تەكشۈرىدۇ».
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-8-4 11:35:22 ئۇقۇلۇشى: 298 قېتىم] |
|