ئامېرىكا دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئېگىز قۇياش ئېنېرگىيە مۇنارى ياسايدىكەن |
چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىچە ،ئامېرىكا ئارىزونا شتاتىدىكى قۇملۇقتا بىر غايەت زور قۇياش ئېنىرگىيە مۇنارى ياسىماقچى بولغان ،بۇ مۇنارنىڭ ئېگىزلىكى ئېمپىرىيە سارىيىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىغان بولۇپ دۇنيادىكى ئىككىنچى ئېگىز قۇرۇلۇش بوپ قالىدىكەن.بۇ گىگانت مۇنار فېنىكس شەھىرىنىڭ غەربىگە 130ئىنگلىز مىلى (تەخمىنەن 209كېلومېتىر)كېلىدىغان يېرىگە قۇرۇلىدىغان بولۇپ ،قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىدىكى بىر ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ئېلىكتىر كۈچى مەنبسى بوپ قالىدىكەن. پار تۇربىنىسى قۇياش نۇرى قىزدۇرغان ھاۋانى ئېگىزلىكى 2600ئېنگىلىز چىسى (تەخمىنەن 792مېتىر) كېلىدىغان تۇرخۇندىن مەجبۇرى ئۆتكۈزۈپ ،شۇ ئارقىلىق زور مىقداردا توك چىقىرىلىدىكەن.قىياسلارغا ئاساسلانغاندا ،بۇ چوڭ مۇنار بىر مىلىيون مېگا ۋاتتىن كۆپرەك توك چىقىرالايدىغان بولۇپ ، 150مىڭ ئائىلىنىڭ توك ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى بىمالال قاندۇرالايدىكەن .بۇ قۇرۇلۇش پىلانىنى EnviroMission شىركىتى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ ،شىركەت باش لىدىرى كرىس داۋىد azfamily.com تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى:« ئۇنىڭغا سۇ كېرەك بولمايدۇ ،تايىنىشچانلىقى يۇقىرى ،تەننەرخ جەھەتتە رىقابەت ئەۋزەللىكى بار . مەن بۇ ساھەنىڭ بۇمۇنارغا يەنىمۇ كۆپ تەلەپلەرنى قويىدۇ دەپ قارىمايمەن.» زور مۇنارنىڭ ئاستى قىسمىدىكى ئىسسىق بۆلۈمچىنىڭ دېئامېتىرى 2ئېنگلىز مىلى (تەخمىنەن 3.2 كېلومېتىر) كېلىدۇ، مۇنار گەۋدىسىنىڭ دېئامېتىرى بىر پۇتبول مەيدانىدىن قېلىشمايدۇ. بۇ مۇنارنىڭ ئېگىزلىكى ئېمپىرىيە سارىيىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىغان بولۇپ،2717ئېنگلىز چىسى كېلىدىغان (تەخمىنەن 828مېتىر )كېلىدىغان دۇبەي خەلىفە مۇنارىدىن سەل پاكارراق. خەلىفە مۇنارى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز قۇرۇلۇش.نۆۋەتتە EnviroMission شىركىتى شتاتلىق ھۆكۈمەت بىلەن يەر كېلىشىمى توغرىسىدا سۆھبەتلىشىۋاتىقان بولۇپ ،جەنۇبى كالفورنىيە شىتاتى ئاممىۋى ئېلىكتېر شىركىتى بىلەن 30يىللىق توك سېتىۋېلىش كېلىشىمىنى تۈزۈپ بولغان.ئەگەر بۇلارنىڭ ھەممىسى ئوڭۇشلۇق بوپ قالسا ،بۇ تۈر ئېنژىنىر ۋە ئادەتتىكى ئىشچىلارغا يېڭىئىش ئورنىدىن 1500 نى تەمىنلەيدۇ. پەرەز قىلىنىشىچە ،بۇ مۇنارغا 700مىلىيون ئامېرىكا دوللىرىلىق مەبلەغ كېتىدىكەن. نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ، EnviroMission شىركىتى ئىسپانىيىدە بۇ قۇرۇلۇشنىڭ بىر كىچىكلىتىلگەن شەكلىنى ياسىغانىدى. ئارىزونا شتاتىنى تاللاشتىكى تۈپ سەۋەب بولسا بۇ رايوننىڭ تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى ،يەر شەكلى تۈز ھەمدە ئارىزونا ۋە كالىفورنىيە شتاتلىرىنىڭ توك يوللاش لىنىيىلىرىگە يېقىن . ئەگەر بۇلارنىڭ ھەممىسى ئوڭۇشلۇق بولۇپ قالسا، EnviroMission شىركىتى مېكسىكا،ھىندىستان ۋە ئاۋسترالىيىگە قۇياش ئېنېرگىيە زور مۇنارىنى ياسىماقچى.داۋىد مۇنداق دېدى:« ئارىزونا شتاتىنىڭ يەر مەيدانى كەڭ ،بىزنىڭ بۇ خىل زور مۇناردىن بىرنەچچىنى ياساشقا بولىدۇ. تۇنجى تۈر قۇرۇلغان ئورۇنغىلا بىز بۇ خىل مۇناردىن 6نى ياسىيالايمىز.»
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011/8/4 11:30:47 ئۇقۇلۇشى: 238 قېتىم] |
|