3D لىق فىلىم ئىشلەيدىغان تېلكامىرا دۇنياغا كەلدى |
بېيجىڭ ۋاقتى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى، چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىدە، 3Dنىڭ ئىنقىلابى ھازىرغىچە ھوللىۋدنىڭ كىنولىرى ۋە كۆلىمى چوڭ تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىنى چۆرىدەپ تەرەققىي قىلدى. لېكىن سۇڭشىيا HDC-SDT750 3D لىق تېلكامىرانىڭ بارلىققا كېلىشى بۇ تېخنىكىنى ئائىلىلەرگە يېقىنلاشتۇردى. سۇڭشىيا HDC-SDT750 3D لىق تېلكامىرا ئارقىلىق بىز ھاياتنىڭ ھەرقانداق قىسمىنى 3D ھالەتتە ساقلىيالايمىز،مەسىلەن بالىمىزنىڭ تۇنجى قەدىمى،ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈش خاتىرىسى ...ۋاھاكازالار. HDC-SDT750 3D لىق تېلكامىرانىڭ بازارغا سېلىنىش باھاسى سەل يۇقىرى بولۇپ 1300 فوندستېرلىڭ(خەلق پۇلىغا سۇندۇرساق 13 مىڭ يۈەندىن سەل كۆپرەك بولىدۇ) بولۇپ،ئۇنىڭغا قوش كۆز ئورۇنلاشتۇرۇلغان. سۇڭشىيانىڭ باياناتچىسى Barnaby Sykes نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئادەمنىڭ ئىككى كۆزى بولغىنىغا ئوخشاش بۇ تېلكامىراغىمۇ ئىككى كۆز ئورۇنلاشتۇرۇلغان،شۇڭا بۇ تېلكامىرا خۇددى ئادەم مېڭىسىگە ئوخشاش،ئىككى رەسىمنى بىرلەشتۈرۈپ بىر پارچە 3D رەسىمگە ئايلاندۇرىدىكەن. بىز بۇ تېلكامىرا ئارقىلىق تارتىلغان رەسىملەرنى 3D تېلېۋىزورلاردا كۆرەلەيدىكەنمىز،3D لىق دىسكا ئويغۇچلاردا دىسكىلارغا ئويۇپ ساقلىيالايدىكەنمىز. سۇڭشىيا HDC-SDT750 3D لىق تېلكامىرا بۇ يىل 9-ئايدا بازارغا سېلىنماقچى.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011/8/4 11:29:45 ئۇقۇلۇشى: 387 قېتىم] |
|