شېي تېيفېڭ ئەڭ ئاخىرىقى قارارغا كەپتۇ |
2011- يىلى 8- ئاينىڭ 2- كۈنى خەۋىرى: شېي تېيفېڭ بىلەن جاڭ بوجېنىڭ چوڭ ئوغلى شېي جېنشۈەننىڭ 8- ئاينىڭ 2- كۈنى تۇغۇلغان كۈنى. ئەر- خوتۇن ئىككى ئائىلە كىشىلىرى ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى بىللە تەبرىكلىدى. جاڭ بوجېنىڭ ئانىسى ماشىنا بىلەن نەۋرىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى موبارەكلەپ كەلدى. بىراق ئوغلىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ھارپىسىدا شېي تېيفېڭ نىكاھ ھاياتىغا كەسكىن قارار چىقاردى. تۈنۈگۈن ئادۋوكات بىلەن كىلىشىپ، جاڭ بوجېنىڭ تۇرالغۇسىغا بېرىپ، جاڭ بوجې بىلەن رەسىمىي ئاجراشىپ، چوڭ قورۇقلۇقتا سۈرەتكە ئېلىۋاتقان «يەنە بىر مۆجىزە» نى داۋاملىق سۈرەتكە ئالغىلى ماڭىدىكەن. ئۇ بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مۆجىزىسىنى ياراتماقچى ئىكەن. چوڭ قۇرۇقلۇقتا يېڭى فىلىمىنى سۈرەتكە ئېلىۋاتقان جاڭ بوجې رىژىسسوردىن ئالاھىدە رۇخسەت سوراپ، شياڭگاڭغا قايتىپ كېلىپ، تۆت ياشقا كىرگەن ئوغلىنىڭ كۈىنىنى موبارەكلەپ يىغىلىش قىلىپ بەردى. ئوغلىنىڭ خۇشاللىقى ئۈچۈن يەنە شېي تېيفېڭ ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىمۇ تەكلىپ قىلدى. گەرچە ئىزچىل جاڭ بوجې بۇ نىكاھنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قېيىنئانىسىغا ئېسىل تۇرالغۇ سوۋغا قىلىپ مۇناسىۋەتنى ياخشىلىماقچى بولغان بولسىمۇ، بىراق شېي تېيفېڭ ئاللىبۇرۇن قارار قىلىپ بولدى. تۈنۈگۈن سائەت 10 دا ئادۋوكاتى ۋە ياردەمچىسى بىلەن جاڭ بوجېنىڭ تۇرالغۇسىغا بېرىپ، ئاجرىشىشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى كېڭەشتى.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-8-2 11:52:28 ئۇقۇلۇشى: 202 قېتىم] |
|