كاسرىنا. ھەپبېرننىڭ ھەشەمەتلىك تۇرالغۇسى28 مىليونغا ئامېرىكا دوللىرىغا سېتىلدىكەن |
كاسرىنا.ھەپبېرن
خەلقئارا تورى مەخسۇس خەۋىرى: «نيۇيورك پوچتا گېزىتى» نىڭ 8- ئاينىڭ 1- كۈندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىلىق داڭلىق ئارتىس كاسرىنا.ھەپبېرن ھايۋات ۋاقتىدا تۇرغان كوننېكتىكات ئۈچ قەۋەتلىك دېڭىز بويىدىكى تۇرالغۇسى باھانىڭ ئۆرلىشىنى كۈتمەكتە. سېتىلىش ئەڭ يۇقىرى باھاسى ئىككى مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولدى. بۇ بەلگە خاراكتېرلىك ئايال چولپان 1939- يىلى بۇ كۆلىمى 770 كۇۋادىرات مېتىر كېلىدىغان تۇرالغۇسىنى قۇرغۇزغان. بۇ ھەشەمەتلىك تۇرالغۇ ئۇزۇن ئارال دېڭىز ساھىلىدىكى 1.4 گېكتار يادرو بۆلىكىگە جايلاشقان. ئىلگىرى ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ھەپبېرن تاكى 2003- يىلى تۈگەپ كەتكەنگە قەدەر مۇشۇ يەردە تۇرغان. ئۇ 96 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. ھارد فورد يېڭى خەۋەرلەر گېزىتى» نىڭ دېيىشىچە، ھەشەمەتلىك بۇ تۇرالغۇنىڭ ھازىرقى ئېگىسى ئەسلىدىكى ئۆيلەرنى قايتىدىن پىلانلاپ، تېخىمۇ چوڭ بولغان بوشلۇق ياراتماقچى ئىكەن. قايتىدىن زىننەتلەش ئارقىلىق ئەسلىدىكى 21 مېھمانخانا، توققۇز مۇنچا 15 مېھمانخانا، يەتتە مۇنچىغا ئۆزگەرتىلدى. بۇ ئۆي ئۈچ قىسىمغا ئايرىلىپ، ھەربىر قىسمى ئايرىم سېتىلىدىكەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-8-2 11:46:28 ئۇقۇلۇشى: 203 قېتىم] |
|