ۋېن جياباۋ چاقماق پويىز ۋەقەسى ھەققىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى |
مەنبە: www.uycnr.com
2011-07-29 06:29
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 29-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ 28-ئىيۇل ۋېنجۇدا جۇڭگو، چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەم ئۇلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. ۋېن جياباۋ ۋەقە نەق مەيدانىغا بېرىپ گۈلچەمبىرەك قويۇپ، ۋەقەدە قازا قىلغۇچىلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى. ۋېن جياباۋ جۇڭگو ۋە چەتئەللەرنىڭ 80 نەچچە تاراتقۇسىنىڭ 180 نەچچە مۇخبىرى ئالدىدا ئالدى بىلەن مۇنداق دېدى: بىز بۇ ۋەقەنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك، ئۇ بىزگە تەرەققىيات ۋە قۇرۇلۇشنىڭ خەلق ئۈچۈن ئىكەنلىكى، ئەڭ مۇھىم نەرسىنىڭ خەلقنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى ئىكەنلىكىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇتىدۇ، ئۇ بىزگە ھۆكۈمەتنىڭ ئەڭ چوڭ مەسئۇلىيىتىنىڭ خەلقنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئىكەنلىكىنى تونۇتىدۇ. ۋېن جياباۋ ئاممىنىڭ بۇ قېتىمقى ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىغا ئالاقىدار گۇمانلىرى ھەققىدە مۇنداق دېدى: ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانى ھەققىدە ئاممىغا ۋاقتىدا، توغرا ئۇچۇر بەردۇق دېيىشكە بولىدۇ، ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، رەئىس خۇ جىنتاۋ ئادەم قۇتقۇزۇشنى 1-ئورۇنغا قويۇش ھەققىدە دەرھال يوليورۇق بەردى. مەن بۇ خەۋەرنى ئۇققاندىن كېيىن، دەرھال تۆمۈريول مىنىستىرىغا تېلېفون بەردىم، ئۇ مېنىڭ «ئادەم قۇتقۇزۇڭلار، ئازراقلا ئۈمىد بولسا، ھەسسىلەپ تېرىشىڭلار» دېگەن گېپىمگە ئىسپات بولالايدۇ. تۆمۈريول تارماقلىرى بۇ ئىشنى قىلالىغان-قىلالمىغانلىقى ھەققىدە ئاممىغا ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا جاۋاب بېرىدۇ. بىر مۇخبىر دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاش، ۋەقەنىڭ ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەش، ئالاقىدار مەسئۇللارنى بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە قانداق ئويلىرى بار دېگەن سوئالىغا ۋېن جياباۋ مۇنداق جاۋاب بەردى: ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى دەرھال ۋەقەنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇدى، بۇ گۇرۇپپا مۇستەقىل گۇرۇپپا. بۇ گۇرۇپپا نەق مەيداننى تەكشۈرۈش، تېخنىكىلىق ئەۋرىشكە ئېلىش، ئىلمىي ئانالىز قىلىش، مۇتەخەسسىسلەر دەلىللەش ئارقىلىق، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان بىر يەكۈن چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، دۆلەتنىڭ قانۇن بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، بىۋاسىتە مەسئۇللار ۋە رەھبەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرىدۇ. بىز ۋەقەنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش جەريانىنى ئاشكارىلاپ، جەمئىيەت ۋە ئاممىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلىمىز. مەيلى ماشىنا-ئۈسكۈنە مەسىلىسى بولسۇن، مەيلى باشقۇرۇش مەسىلىسى، ئىشلەپچىقارغان زاۋۇتنىڭ ياساش مەسىلىسى بولسۇن، بىز ھەممىنى ئاخىرىغىچە تەكشۈرىمىز. ئەگەر ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا، ئۇنىڭ ئارقىسىغا چىرىكلىك مەسىلىسى يوشۇرۇنغان بولسا، بىز قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىمىز، قىلچە يۇمشاق قوللۇق قىلمايمىز. ۋېن جياباۋ مۇخبىرلارنىڭ جۇڭگو يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىغا بولغان گۇمانى ھەققىدە مۇنداق دېدى: تۆمۈريول قۇرۇلۇشىدا، قانچە تېز بولسا، شۇنچە ياخشى بولىدۇ دېمەيمىز، بىخەتەرلىكنى 1-ئورۇنغا قويىمىز، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەگەر بىخەتەرلىك بولمىسا، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولدىن ئىشەنچتىن قالىدۇ. بىز چوقۇم ئىلمىي پىلانلاپ، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، تەرتىپلىك تەرەققىي قىلدۇرىمىز، مەن ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بۇ ۋەقەدىن ئەستايىدىل ساۋاق ئېلىپ، كۆپ تەرەپلەردىن خىزمىتىنى ياخشىلايدىغانلىقى، بولۇپمۇ ھالقىلىق تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ ھەقىقىي بىخەتەر بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011/8/1 12:49:27 ئۇقۇلۇشى: 257 قېتىم] |
|