سەنشىيا قۇرۇلۇشى 20 كىلومېتىر ئىچىدىكى ھاۋارايىغا تەسىر يەتكۈزىدىكەن |
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغاندا، مۇخبىرنىڭ 27-ئىيۇل سەنشىيا گۇرۇھى شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە،جۇڭگو ھاۋارايى ئىدارىسى دۆلەت كىلىمات مەركىزى يېقىندا مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ سەنشىيا قۇرۇلۇشى كىلىمات تەسىرىگە قارىتا باھالاش ۋە مۆلچەرلەش ئىلىپ بارغان. نەتىجىدە سەنشىيا قۇرۇلۇشى پۈتكەندىن كىيىن،ئامبار ئەتراپىدىكى رايونلارنىڭ كىلىمات شارائىتىدا روشەن ئۆزگىرىش بولمىغانلىقى، سەنشىيا قۇرۇلۇشى پەقەت 20 كىلومېتىر ئىچىدىكى تېمپېراتۇرا ۋە ھۆل-يىغىن مىقدارىغا بەلگىلىك تەسىرى بولغانلىقى كۆرسىتىلگەن. سەنشىيا گۇرۇھى مۇتەخەسسىسلەر روياپقا چىقارغان « سەنشىيا سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشنىڭ ھاۋا كىلىماتقا بولغان تەسىرى توغرىسىدىكى ئانالىز ۋە باھالاش دوكلاتى»دىكى قىسمەن مەزمۇنلارنى ئېلان قىلغان. دوكلاتتا يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى چاڭجىياڭ ۋادىسىدا يۈز بەرگەن چوڭ دائىرىلىك قۇرغاقچىلىق، كەلكۈن ئاپەتلىرى ئاساسلىقى زور دەرىجىدىكى ئاتموسفېرا ئېقىمى ۋە كەڭ كۆلەمدىكى يەر يۈزى ئىسسىقلىق نورمالسىزلىقىدىن پەيدا بولغانلىقى،بۇنىڭ سەنشىيا قۇرۇلۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دېيىشنىڭ ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسى يوقلۇقى كۆرسىتىلگەن. كىلىمات تەقلىدى نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، كەلگۈسى 20 يىلدا چاڭجىياڭ دەرياسى ۋادىسىدا يەنىلا يۇقىرى ئۆرلەيدىكەن. بۇ غەربى جەنۇب رايونلارنىڭ كىلىمات يۈزلىنىشى بىلەن بىردەك ئىكەن. چاڭجىياڭ دەرياسى يۇقىرى ئېقىن رايونلىرىنىڭ ھۆل-يىغىن مىقدارى ۋە زور ھۆل-يىغىن ھادىسىسى كۆپىيىشى، ئوتتۇرا-تۆۋەن ئېقىندىكى رايونلارنىڭ ھۆل-يىغىن مىقدارى ئازىيىشى، قۇرغاقچىلىق ئاپىتى يۈز بېرىش قېتىم سانى ۋە كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى ئېشىپ بېرىشى مومكىن ئىكەن. سەنشىيا گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى چىن فىي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نوپۇزلۇق كىلىمات تارماقلىرىنىڭ باھالاش ۋە مۆلچەرلىشى دۆلەت ئىچى سىرتىدىكى ئاممىنىڭ سەنشىيا قۇرۇلۇشىنى ئوبيېكتىپ جەھەتتىن تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشكە ۋە تونۇشىغا ياردىمى بولىدۇ.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011/7/29 12:08:17 ئۇقۇلۇشى: 286 قېتىم] |
|