ئايال تۈرمە باشلىقى تۈرمىدىكىلەرنىڭ داڭلىق ماركىلىق كىيىم كىيىشىنى چەكلىدى |
]جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- ئاينىڭ 26- كۈنى تېلېگراممىسى: شياڭگاڭ «يۇلتۇز ئارىلى كۈندىلىك گېزىتى» تور بىكىتىنىڭ 26- ئىيۇل خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئىتالىيەدە يېڭىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان ئايال تۈرمە باشلىقى بۇيرۇق چۈشۈر ۈپ، تۈرمىدىكى قارا جەمئىيەت پارتىيىسى جىنايەتچىلىرىنىڭ تۈرمىدە ئىسىل كىيىملەرنى كىيىپ ئورنى ۋە بايلىقىنى كۆز كۆز قىلىشقا قاتتىق زەربە بەردى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئىتالىيەنىڭ سىسىلى ئارىلىدىكى ۋۇچالتۇن تۈرمىسىنىڭ يېڭى ئايال تۈرمە باشلىقى رىتا بارابارا تۈرمىدىكى جىنايەتچىلەرنىڭ خەلقئارالىق داڭلىق ماركا Gucci ArmaniLV ۋە باشقا ماركىلىق داڭلىق لايىھىلىگۈچىلەر لايىھىلىگەن كىيىملەرنى كىيىشنى داڭلىق ئۈنچە-مەرۋايىت تاقىشىنى چەكلىدى. بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى كۆز كۆز قىلىشىنى چەكلىدى. خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، نۇرغۇن دۆلەتلەر بىلەن ئوخشىمايدىغىنى ئىتالىيەدىكى تۈرمىلەردە تۈرمە كىيىمى كىيمىسىمۇ بولىدۇ.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-7-26 20:26:28 ئۇقۇلۇشى: 545 قېتىم] |
|