شۇاڭلىيۇ ئايردرومى يامغۇرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى |
جۇڭگو خەۋەرلەر تورىنىڭ 7-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى خەۋىرى، 23-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن چىڭدۇ شۇاڭلىيۇ خەلقئارا ئايردىرومى گۈلدۈرمامىلىق ئۆتكۈنچى يامغۇر ھاۋارايىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئايردىروم بىر سائەتتىن ئارتۇق تاقىۋىتىلگەن، پورتقا كىرىدىغان 27 دانە ئايروپىلان ۋاقتىدا يېتىپ بارالمىغان، زاپاس ئايرودروم مىيەنياڭ، چۇڭچىڭ، كۈنمىڭ، گۈيياڭ قاتارلىق ئەتراپتىكى ئايرىدروملارمۇ، بىرۋاقىتتا 4 دانە نۆۋەتلىك ئايروپىلاننى ئەمەلدىن قالدۇرۋەتكەن، سائەت 12 كىگىچە قەدەر 65 دانە نۆۋەتچى ئايروپىلان كېچىككەن، 10 مىڭغا يېقىن ساياھەتچى ئايردىرومدا مەجبۇرى قالدۇرۇلغان. شۇنىڭ بىلەن، شۇاڭلىيۇ خەلقئارا ئايردرومى پۈتۈن ئايردىرومغا چوڭ كۆلەملىك نۆۋەت كېچىكىش ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش سىگىنالى تارقاتقان. چۈشەندۈرىلىشىچە،23-ئىيۇل بۇ گۈلدۈرمامىلىق ئۆتكۈنچى يامغۇر سائەت 9 دىن 10 مىنۇتلار ئەتراپىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، سائەت 11 دىن 30 مىنۇتلار ئەتراپىدا ئاساسەن ئاخىرلىشىپ بولغان، يېغىش مىقدارى51.7 مىللىمېتىرغا يەتكەن، كۈچلۇك چاقماق چاققان يامغۇر بىلەن چاقماق سائەت 9 دىن 30 دىن، 10 دىن 40 قىچە بولغان. شۇاڭلىيۇ خەلقئارا ئايردرومى بىخەتەرلىكنى ئويلىشىپ ئايردرومنى تاقىۋەتكەن، بۇنىڭ تەسىرىدە 27 دانە نۆۋەتچى ئايروپىلان ۋاقتىدا يېتىپ بارالمىغان 10 مىڭغا يېقىن شىياڭگاڭغا بارىدىغان ساياھەتچى تۇرۇپ قالغان. شۇاڭلىيۇ خەلقئارا ئايردرومىنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلانىنىڭ ئۇچۇش پىلانى ئورۇنلاشتۇرۇلىشى بويىچە، پۈتۈن كۈندىكى ئۇچۇش قونۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقان نۆۋەت سانى 631 قېتىم بولۇپ، گۈلدۈرمامىلىق ئۆتكۈنچى يامغۇر تەسىرىدىن، شۇ كۈندىكى ئۇچۇش قونۇش ئورۇنلاشتۇرىلىشى قالايماقان بولۇپ كېتىپلا قالماستىن يەنە كەڭ ساياھەتچىلەرگە نۇرغۇن زىيانلارنى ئېلىپ كەلگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شۇاڭلىيۇ خەلقئارا ئايردرومىنىڭ كەينىدىن كېلىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارمۇ ۋاقىتىدا يېتىپ كېلەلمىگەن. مېترولوگىيە قىسىملىرىنىڭ ئالدىن مەلۇماتىغا قارىغاندا، 23-ئىيۇل كەچ شۇاڭلىيۇ خەلقئارا ئايردرومى گۈلدۈرمامىلىق ئۆتكۈنچى يامغۇرنىڭ ھۇجۇمىغا يەنە ئۇچرىشى مۇمكىن ئىكەن. ئېگىلىنىشىچە، شۇڭلىيۇ خەلقئارا ئايردرومى 23-ئىيۇل كېچىچە تىجارەت قىلسىمۇ ،بىراق تۇرۇپ قالغان يولۇچىلارنىنىڭ ھەممسىنى يولغا سەپ بولىدىكەن، بەزى نۆۋەتچى ئايروپىلانلار 24-ئىيۇل ئۇچىشى مۇمكىن ئىكەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011/7/25 16:06:01 ئۇقۇلۇشى: 168 قېتىم] |
|