بۈگۈندىن باشلاپ ئېلىمىزنىڭ نۇرغۇن رايونلىرىدا تېمپىراتۇرا داۋاملىق ئۆرلەيدىكەن |
يۇقىرى تېمپىراتۇرا ئېلىمىزنىڭ جىياڭنەن، خۇانەن قاتارلىق رايونلىرىغا يامىرىدى. 22-ئىيۇل چۈشتىن كىيىن، سائەت 18:00 دە ، مەركىزى مىتىرولوگىيە ئىستانىسىسى يۇقىرى تېمپىراتۇردىن ئاگازلاندۇرۇش يېشىل سىگىنالى تارقاتتى. سوبتىرۇپىك بەلغاغ يۇقىرى بېسىملىق ھاۋاسىنىڭ غەرىبكە قاراپ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ ، 23-ئىيۇلدىن باشلاپ، ئېلىمىزنىڭ جىياڭخەن، جىياڭنەن، گۇاڭشىنىڭ غەربىي رايونلىىر قاتارلىق رايونلار يۇقىرى تېمپىراتۇرلۇق رايونلارنىڭ مەركىزى بولۇپ قالىدىكەن. مىتىرولوگىيە ئىدارىسىنىڭ ئالدىن مۆلچەرلىگەن سانلىق-مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 23-ئىيۇل سائەت 14:00 تە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ ئوتتۇرا قىسىملىرى، ئىچكى مۇڭغۇلنىڭ غەبىي قىسىمى، خەنەننىڭ شەرقىي قىسىملىرى، خۇبېينىڭ شەرقىي قىسىملىىر، گۇاڭشىنىڭ غەبىي قىسىملىرى قاتارلىق كۆپ قىسىم رايونلاردا تېمپىراتۇرا 35-37 سېسلسىيە گىرادۇس ۋە 38-39 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولىدىكەن. مەركىزى مىتىرولوگىيە ئىستانىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 22-ئىيۇل كىچىدىن 23-ئىيۇل كۈندۈزگىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ غەربي قىسىمى، چىڭخەڭ-شىزاڭ ئىگىزلىكىنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى، ئىچكى مۇڭغۇلنىڭ شەرقىي قىسىملىرى، شەرقىي شىمالنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى، شەنشى رايونى، خېبېينىڭ شەرقىي شىمال رايونلىرى، جياڭخۈەي رايونلىرى، جىياڭخەن رايونلىرى، جىياڭنەن رايونىنىڭ شىمالىي قىسىم رايونلىرى، خۇانەن رايونىنىڭ غەربي قىسىم رايونلىرى ۋە شىنەن رايونىنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا ئاز مىقداردىن ئوتتۇرا ھالغىچە يامغۇر ياغىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلاردا بولسا قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن. جەنۇبنىڭ تېمپىراتۇرسىنىڭ ئۆرلىشى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىكى يۇقىرى تېمپىراتۇرلۇق رايونلارنىڭ دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشگە ئەگىشىپ، مەركىزى مىتىرولوگىيە ئىستانىسىسى يۇقىرى تېمپىراتۇردىن ئاگاھلاندۇرۇش يشىل سىگىنالى تارقاتتى. مۆلچەرلەرگە ئاساسلانغاندا، 23-ئىيۇل كۈندۈزدىن باشلاپ، جىياڭنەن رايونى، خۇانەن رايونىنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى، جىياڭخەن رايونىنىڭ جەنۇبىي ۋە غەربىي قىسىملىرى، جىياڭخەن رايونىنىڭ غەربىي شىمال رايونلىرى ۋە شەرقىي جەنۇب رايونلىرى ھەمدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى ۋە شىمالىي شىنجاڭ رايونلىرىدىكى بىر قىسىم رايونلار، ئىچكى مۇڭغۇلنىڭ غەربىي قىسىم رايونلىرىدا تېمپىراتۇرا 35 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە خۇنەننىڭ ئوتتۇرا ۋە شىمالىي قىسىم رايونى، جېجىياڭنىڭ جەنۇبى قىسىم رايونى، جىياڭشىنىڭ شەرقىي شىمال قىسىم رايونى، فۇجىيەننىڭ ئوتتۇرا قىسىم رايونلىرىدا، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ شەرقىي قىسىم رايونلىرى قاتارلىق جايلاردا تېمپىراتۇرا 37 سىلسىيە گىرادۇسقا چىقىدىكەن. تۇرپان ئويمانلىقىدا بولسا تېمپىراتۇرا 40 سىلسىيە گىرادۇسقا چىقىشى مۇمكىن ئىكەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011/7/25 16:04:58 ئۇقۇلۇشى: 491 قېتىم] |
|