گۇچۇڭ ناھىيەسىدە تۇنجى نۆۋەتلىك «ئالماس لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسى غەلبىلىك ئۆتكۈزۈلدى
22-ئىيولدىن 24-ئىيولغىچە قەدىمى شەھەر گۇچۇڭ ناھىيەسىدە تۇنجى نۆۋەتلىك «ئالماس لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسى غەلبىلىك ئۆتكۈزۈلدى. مۇسابىقغە گۇچۇڭدىكى ئەڭ كاتتا ئۆي زىمىن ئىچىش سودىگىرى
ئالماس شىركىتى قۇرغان ئالماس كوماندىسى، گۇچۇڭ «خان ئوردا»رېستۇرانى قۇرغان خان ئوردا كوماندىسى، جۇڭگو مال مۈلۈك ئۈمۈر سۇغۇرتا شىركىتى ئالاھىدە قوللىغان تەۋپىق كوماندىسى،ئۇلىنىش cn تورى ئالاھىدە قوللىغان شىبىۋەن يېزىلىق ئەرتۇڭ كوماندىسى،گۇچۇڭ ئىزچىلار كوماندىسى،كارىز يېزىلىق تۇلپار كوماندىسى قاتارلىق ئالتە كوماندا بىرلەشمە مۇسابىقە شەكلىدە سەككىز مەيدان مۇسابىقە ئوينىدى.
مۇسابىقىدە «ئالماس كوماندىسى» چىمپىيۇنلىققا ئېرىشتى،تەۋپىق كوماندىسى ئىككىنچىلىككە ئېرىشتى،تور بىكىتىمز ئالاھىدە قوللىغان شىبىۋەن يېزىلىق ئەرتۇڭ كوماندىسى مۇنەۋۋەر كوماندا بولۇپ باھالاندى.