گۇگېل ئالاقە شىركىتى Fridge نى سېتىۋالدى |
سىنا تورىنىڭ بېيجىڭ ۋاقتى 7-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى خەۋىرى، گۇگېل يېقىندا ئىجتىمائىي ئالاقە تورى ئىگىلىك تىكلەش شىركىتى Fridge نى سېتىۋالغان بولۇپ، بۇ گۇگېلنىڭ تۇنجى قېتىملىق +Google غا مۇناسىۋەتلىك سېتىۋېلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. Fridge ئابونتلارغا ئىجتىمائىي ئالاقە مەزمۇنلىرىغا ئوخشىمىغان توپ-گۇرۇپپىلارغا بۆلۈپ بېرىشكە رۇخسەت قىلغان بولۇپ، توپ-ياكى گۇرۇپپىلاردا بولمىغان كىشىلەر مەزكۇر مەزمۇنلارنى كۆرەلمەيدىكەن. بۇ خىل ئىقتىدار +Google نىڭ «چەمبىرەك»(Circles) ئىقتىدارى بىلەن ناھايىتى ئوخشىشىدىكەن. گۇگېلنىڭ بىر باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن:«Fridge ئەترىتى گۇگېل بىلەن ئوخشاش بىز مەنزىلگە ئات سېلىپ، رېئال تۇرمۇشتىكى ئۇششاق-چۈششەك ۋە مول بولغان نەرسىلەرنى ئالاقە تورى ساھەسىگە ئېلىپ كىرىپ، كەڭ تورداشلارنىڭ بەھرىلىنىشى ئۈچۈن تەقدىم ئەتتى. ئۇلارنىڭ بىزگە قوشۇلۇشى ئادەمنى ھاياجانلاندۇرىدۇ». «چەمبىرەك» بولسا +Google نىڭ باشقىلار ئەڭ ياقتۇرغان ئىقتىدارلىرىنىڭ بىرى. ئۇ ناھايىتى قوللىنىشچانلىققا ئىگە. ئالاقە تورىدا كەم بولسا بولمايدىغان زۆرۈر شەخس مەخپىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئامىل ھېسابلىنىدۇ. ئەمما نۆۋەتتە، ئۇنىڭ قۇلايلىق دەرىجىسى يېتەرسىز بولۇۋاتىدۇ. Fridge نىڭ توپ-گۇرۇپپا ئىقتىدارىنى قالتىس دېيىشكە بولىدۇ. گۇگېل تەرەپ Fridge نىڭ يېڭى ئىقتىدارىنىڭ +Google سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011/7/22 17:50:54 ئۇقۇلۇشى: 239 قېتىم] |
|