7 ياشلىق بالا مۇسكۇل چىقىرىش بىلەن نام چىقاردى |
باشقا ئوخشاش ياشتىكى بالىلارغا ئوخشىمايدىغان يېرى، بۇ يىل ياشقا كىرگەن Zhu Llanos Butler دائىم كۆپلىگەن ۋاقتىنى چېنىقىش ئۆيىدا ئېغىرلىق كۆتۈرۈش، مۇسكۇل چېنىقتۇرۇش بىلەن ئۆتكۈزۈدىكەن.ئۇنىڭ youtube دا ئېلان قىلىنغان بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەققىدىكى كۆرۈنمە چاستۇتىلىق خەۋەرلىرى 13 مىليون قېتىملىق چىكىلىش سانىغا يەتكەن.بۇ كۆرۈنمە چاستوتىلاردا كۆرسىتىلگىنى بالىنىڭ ئىككى قېتىملىق ئېغىرلىق كۆتۈرۈش مەشقى بولۇپ، ئۆزىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئىككى ھەسسىچىلىك كېلىدىغان شتانگىنى كۆتۈرگەن، ئۇ ھەر قېتىم مۇسكۇلىنى نامايەن قىلغاندا ئەينەككە قاراپ ۋارقىراپ قوياتتى. رۇمىنىيەدە تۇرۇشلۇق بۇ بالا ھازىر ئىككى تۈرنىڭ جىنس رېكورتى قولىلغۇچىسى بولغان. Zhu Llanos Butler نىڭ دادىسىنىڭ ئېيتىشىچە، بالىسى ئىككى يېشىدىن باشلاپلا بەدەن چېنىقتۇرۇشقا قىزىقىپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن ئازراق چوڭ بولغندىن باشلاپلا دادىسى بىلەن بىللە چېنىقىش مەركىزىگە بېرىپ چېنىقىشقا باشلىغان ئىكەن. جاپالىق تىرىشچانلىقنىڭ ھامىنى نەتىجىسى بولغىنىغا ئوخشاش، Zhu Llanos Butler نىڭ بەدەن چېنىقتۇرغان كۆرۈنمە چاستوتا كۆرۈنىشنى ياپونىيە فۇشى تېلىۋىزىيە ئىستانىسى 1400 ئامېرىكا دوللىرى تۆلەپ سېتىۋېلىشقا قوشۇلغان، لېكىن ئۇلار بۇ كۆرۈنمە چاستوتا پلاستىنكىسىنى سېتىشقا قوشۇلماي، پەقەت زىيارەت قىلىشقا قوشۇلغان. Zhu Llanos Butler ئۆسمۈرلەر چېنىقىش دۇنياسىدىكى داڭلىك چولپانغا ئايلاندى، ئۇنىڭ ئىش-ئىزلىرى تېخىمۇ كۆپ كەسپىي مەشق ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلەرگە تۈرتكە بولغان.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-7-19 15:46:43 ئۇقۇلۇشى: 446 قېتىم] |
|