160 كىلومېتىرلىق سۈرئەتتە كېلىۋاتقان پويىزغا سوقۇلغان قىز ھايات قالدى |
خەلقئارا تورى مەخسۇس خەۋىرى: ئەنگلىيە«كۈندىلىك پوچتا گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە قاتناش ساقچى ئەترىتىنىڭ يېقىندا ئىسپاتلىشىغا قارىغاندا، جەنۇبىي يوركشىر ئۆلكىسىدىكى دونكاستىر شەھىرىدە بىر ئۈچ ياشلىق قىزچاق سائەتلىك سۈرئىتى 160 كېلومىتىر كېلىدىغان پويىزغا سوقولۇپ كەتكەندىن كېيىن مۆجىزىلەرچە ھايات قالدى. شۇيەر ۋاقتى 12- ئىيۇل چۈشتىن كېيىن سائەت 12 دىىن 28 مىنۇت ئۆتكەندە،ئۈچ ياشلىق قىز دادىسىنىڭ ھەمرالىقىدا دونكاستىر ئەدۋىك ماشىنا بېكىتى ئەتراپىدىكى يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا ئۇچقاندەك كېلىۋاتقان پويىزغا سوقۇلۇپ كېتىپ، دادىسى نەق مەيداندا ئۆلگەن بىراق قىز يارىلانغان. ساقچى تەرەپ ھازىر دادىنىڭ قەستەن ماشىنغا سوقۇلغان ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرمەكتە. قاتناش ساقچى تارماقلىرى باياناتچىلىرىنىڭ دېيىشىچە،بۇ قىز ئىنتايىن ئېغىر يارىلانغان، ھازىر ئايروپىلان بىلەن شىفىلىد بالىلار دوختۇرخانىسىغا يۆتكەپ كېلىندى، ساقچى تەرەپ ھازىر نەق مەيداننى تەكشۈرۈپ ئىككەيلەننىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىقلاۋاتىدۇ.ئىگىلىنىشلەرگە قارىغاندا دادا قىزى بىلەن ئېگىزلىكى بىر مېتىر كېلىدىغان تۆمۈر توساقتىن ئاتلاپ ئۆتۈپ ئاندىن رېلىسقا كەلگەن ئىكەن. ئەرنىڭ يېنىدا ھىچقانداق سالاھىيىتىنى ئىسپاتلايدىغان نەرسە يوق ئىكەن. يېشى 28 ياشلار ئەتراپىدا ئىكەن. نۆۋەتتە ساقچىلار نەق مەيداننى پىچەتلەپ، پويىز شوپۇرىنى سوراق قىلماقتا. ئەنگلىيە قاتناش ساقچىسى رىچارد. پرايىس مۇنداق دېدى:«پويىز سائىتىگە 160 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن ئۇلارنى سوققان. قىزنىڭ ئۆزىنىڭ ھايات قالغانلىقىلا بىر مۆجىزە».
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-7-13 19:56:42 ئۇقۇلۇشى: 407 قېتىم] |
|