ئەنگلىيەدە 161 مىليونلۇق لاتارىيە مۇكاپاتى چىقتى |
مۇكاپاتقا چىققىنى بىر تال لاتارىيە بېلىتى،مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى كوللىكتىپ ياكى ئادەم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇ ئەڭ تېز سۈرئەتتە مىلونىرلار قاتارىغا تېزىلىدۇ.
جۇڭشىن تورى 7- ئاينىڭ 13- كۈنى تېلېگراممىسى: ئەنگلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېغىلغان چوڭ لاتارىيە 12- ئىيۇل ئېچىلغان بولۇپ،پەقەت بىرلا بىلەت پۈتۈن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى ھەيران قالارلىق ھالدا161مىليون فونىسترلىڭ مۇكاپات چىقتى.نۆۋەتتە بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىنىڭ كوللىكتىپ ياكى بىر شەخىس ئىكەنلىكى نامەلۇم. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئەگەر بۇ قېتىمقى مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى بىر ئادەم بولۇپ قالسا، ئۇنداقتا ئۇ ياۋروپادىكى داڭلىق لاتارىيە تۈرىدىكى«ياۋروپا مىليادىرى»دىكى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ كۆپ پۇل ئۇتقان كىشى بولۇپ قالىدۇ. ئەنگلىيە دۆلەتلىك لاتارىيە ئورگىنىدىكى باياناتچىسى مۇنداق دېدى:«بۇ ھەقىقەتەن ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان خەۋەر».بۇ سىرلىق مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىن ئۇ كوللىكتىپ ياكى شەخسى ھالدا بولسۇن تېزدىنلا ياۋروپادىكى كاتتا مىليادرغا ئايلىنىدۇ.بىراق تېخىچە مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىنىڭ كىملىكى نامەلۇم.بۇنىڭ ئالدىدا ئالدىنقى يىلى 10- ئايدا «ياۋروپا مىليادىرى» لاتارىيە مۇكاپاتى بىر قېتىم چىققان. مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى 113 مىليون فونىسترلىڭ مۇكاپاتنى ئېلىپ كەتكەن ئىكەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-7-13 19:54:04 ئۇقۇلۇشى: 243 قېتىم] |
|