ئامېرىكىلىق ئايال بەدەن ئېغىرلىقىنى 900 جىڭغا يەتكۈزۈپ دۇنيادىكى ئەڭ سېمىز ئايالغا ئايلانماقچى |
شىنخۇا تورىنىڭ 7-ئىيۇل خەۋىرى، ئامېرىكا يېڭى جېرسېي ئىشتاتىدىكى Donna Simpson ئىسىملىك ئايال« دۇنيادىكى ئەڭ سېمىز ئايال» دەپ نام ئېلىپ دۇنيا جىنىس رىكورتى ياراتقان. 2007-يىلى بۇ نامغا ئېرىشكەندە بۇ ئايالنىڭ ئېغىرلىقى 241 مىڭ گرام كېلەتتى، 4 يىلدىن بۇيان ئۇ توختىماستىن چو يەپ چوڭ ئىچىپ، بەدەم ئېغىرلىقىغا يەنە 76 مىڭ گرام قوشۇلغان. Donna Simpson نىڭ مەقسىتى، بەدەن ئېغىرلىقىنى 453 مىڭ گرامغا يەتكۈزۈپ، دۇنيادىكى ئەڭ سېمىز ئايالغا ئايلىنىش ئىكەن. Donna Simpson بۇ يىل 43 ياش ، جېرسېي ئىشتاتىدا تۇرۇشلۇق تۇل ئانا بولۇپ، ئۇنىڭ بىر قىز بىر ئوغلى بار ئىكەن. ئۇ كىچىكىدىن باشلاپلا ئادەتتىكى بالىلارغا قارىغاندا سەل سېمىز ئىكەن، 19 يېشىدا بىرىنچى يولدىشى بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن بەدەن ئېغىرلىقى شىددەت بىلەن ئېشىشقا باشلىغان. Donna Simpson نىڭ بىرىنچى يولدىشى، بىر توغرالغان كالا گۆشى ئاشخانىسىنىڭ ئاشپىزى ، خىزمەت سەۋەبىدىن دائىم يېرىم كېچە سائەت 2 دە ئۆيگە قايتىدىغان بولۇپ، دائىم ئازراق ئېشىپ قالغان تاماقلارنى ئالغاچ كېتىدىكەن، ئۆيىگە بارغاندىن كېيىن ئايالى بىلەن ئولتۇرۇپ كۆپ مىقدارردىكى توغرالغان كالا گۆشى قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى يەيدىكەن. Donna Simpson :« مېنىڭ ئېرىم مېنىڭ مۇشۇنداق سېمىز بولۇشىمنى ياخشى كۆرىدۇ، مەن قانچە سېمىز بولسام ئۇ شۇنچە خوشال بولىدۇ »دېگەن. بۇ ئايال 27 يېشىدا ھامىلدار بولغان بولۇپ، ئەينى چاغدىكى بەدەن ئېغىرلىقى 159 مىڭ گرام ئىكەن، ئوغلىنى تۇغقاندىن كېيىنلا بىرىنچى ئېرى بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كۆپ نەرسە يىيىش ئارقىلىق دەردىنى باسقان، شۇنداق قىلىپ 31 ياشقا كىرگەندە بەدەن ئېغىرلىقى 273 نىڭ گرامغا يىتىىپ قورقۇپ كېتىپ ئورۇقلاشنى قارار قىلغان ھەمدە يېرىم يىلدا 32 مىڭ گرام ئورۇقلىغان.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-7-9 10:34:16 ئۇقۇلۇشى: 487 قېتىم] |
|