2 يۈەن پۇلنى دەپ ئامىمىۋىي ئاپتۇبۇس شوپۇرىنى چانىۋەتكەن ئەر |
7-ئاينىڭ6-كۈنى سائەت11دە، بىر ئەر چىنجۇ جەنۇبى يولى خوڭساۋ يولى ئېغىزىدىكى909-يول ئاممىۋىي ئاپتۇبۇسىدا،پىچاق بىلەن شوپۇرنى يارلاندۇرغان،ساقچىلار نەق مەيدانغا تېزلىكتە يېتىپ كېلىپ بۇ ئەرنى تىزگىنلىۋالغان،يارلانغۇچى دوختۇخانىغا ئاپىرىلغان. سائەت12 لەردە، مۇخبىر نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ،ۋەقە يۈز بەرگەن ئورۇننىڭ چىنجۇ جەنۇبى يولى704نومۇر يېنىدىكى909-يول ئاپتۇبۇسى بېكىتى ئىكەنلىكىنى، نەق مەيداندا بىر چوڭ قان ئىزىنىڭ بارلىقىنى كۆرگەن. ۋەقەدىن كېيىن ساقچى تەرەپ نەق مەيدانغا ئاگاھلاندۇرۇش تانىسى تارتىپ قويغان. ۋەقە يۈز بەرگەن جايدىكى دۇكان خوجايىنىنىڭ دېيىشىچە،پەقەت بىر ئادمنىڭ چانالغانلىقىنى ئاڭلىغان،نىمە ئىش بولغانلىقىنى بىلمىگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، بىر909-يول ئاپتۇبۇسىنىڭ خىزمەتچى خادىمىنىڭ دېيىشىچە ئۇ ۋاقتىنچە ئىدارە تەرىپىدىن ئىسمېنا بولۇپ ئىشلەشكە چاقىرىلغان بولۇپ،909-يول ئاپتۇبۇسىنىڭ نورمال يۈرۈشىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئىكەن. مۇخبىرنىڭ نەق مەيداندىن ئېگىلىشچە، نۆۋەتتە 909-يول ئاپتۇبۇسى نورمال يۈرۈۋىتىپتۇ. جامائەت خەۋىپسىزلىك ئورۇنلىرىنىڭ ئاشكارلىنىشىچە،جىنايەت گۇماندارى لىن X شاڭخەيلىك بولۇپ، بۇيىل 42 ياش. دەسلەپكى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، جىنايەت گۇماندارى لىنX ماشىنىنىڭ رادىئو ئاۋازىنىڭ بەك يۇقىرى بولۇپ كەتكەنلىكىدىن ئاغرىنىپ، شوپۇردىن 2 يۈەن پۇلىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان،ئاخىرى بولماي لىنX شوپۇرنى پىچاق بىلەن يارلاندۇرغان.نۆۋەتتە جىنايەت گۇماندارى لىنX شۈخۈي ساقچى تەرەپتىن ئېلىپ كېتىلىپ تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىۋىتىپتۇ. مۇخبىرنىڭ دوختۇرخاندىن ئېگىلىشىچە،يارلانغان شوپۇر ئوپراتسىيەدىن كېيىن ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ياتىقىغا يۆتكەلگەن بولۇپ،خەتەرلىك باسقۇچتىن ۋاقتىنچە ئۆتۈپ كەتكەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-7-6 20:26:43 ئۇقۇلۇشى: 232 قېتىم] |
|