سىۋاشىنگىرنىڭ خوتۇنى رەسمى ئاجرىشىش ئەرزى سۇندى |
جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى لوس ئاجلىس 1-ئىيۇل تېلگېراممىسى ئامېرىكا كالفورنىيە ئىشتاتىنىڭ سابىق ئىشتات باشلىقى سىۋاشىنگىرنىڭ ئايالى مارى شىلانفۇ شۇ جاي ۋاقتى 1-ئىيۇل سوتقا رەسمى نىكاھتىن ئاجرىشىش ئەرزى سۇنۇپ، 25 يىل داۋاملاشقان نىكاھ مۇناسىۋىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئىككىيلەن نىكاھلىنىشتىن ئىلگىرى ھېچقانداق كېلىشى تۈزۈمىگەن، شۇڭا ئاجراشقاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ مال-مۈلۈكنى تەڭ بۈلۈشىشى مۇمكىن ئىكەن. ئامېرىكىدىكى داڭلىق شەخسلەر تور بېتى TMZ شۇ كۈنى شىلانفۇنىڭ ئاجرىشىش ئەرزى سۇنغانلىق خەۋىرىنى بەرگەندىن كېيىن، ئامېرىكىدىكى داڭلىق تور بەرتلەر بۇ خەۋەرنى چىقارغان. بۇ خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئامېرىكىدىكى باي كېنىدى جەمەتى ئەزاسى، ئىلگىرى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدە مۇخبىر بولغان مارى شىلانفۇنىڭ نىكاھتىن ئاجرىشىش ئەرزى سۇنۇشتىكى سەۋەبى سىۋاشىنگىر بىلەن ئىككىسى ئوتتۇرسىدا «كېلشتۈرگىلى بولمايدىغان زىدىيە» يۈز بەرگەنلىكى ئىكەن. شىلانفۇ بىلەن سىۋاشىنگىر 1986-يىلى توي قىلغان بولۇپ، تۆت بالىسى بار، بۇ بالىلارنىڭ ئىككىسى تېخى قۇرامىغا يەتمىگەن. نىكاھتىن ئاجرىشى ئەرزنامىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شىلانفۇ نىكاھ مەزگىلىدىكى ئورتاق مۈلۈكنى تەڭ بۆلۈشنى تەلەپ قىلغان. بۇ سىۋانشىگىر ۋوللىۋودتا كىنو ئىشلىگەن جەرياندا توپىلىغان زور مال-مۈلىكىنى شىلانفۇ بىلەن تەڭ بەھرىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شىلانفۇ ئەرزنامىدە يەنە 17 ياشلىق پاترىك بىلەن 13 ياشلىق كىرىستوفنى تەڭ بېقىشنى، ھەمدە خاتالىق ئۆتكۈزگەن تەرەپ سىۋاشىنگىرنىڭ ئىككى تەرەپنىڭ نىكاھتىن ئاجرىشى ئادۋوكات ھەققىنى تۆلىشىنى تەلەپ قىلغان. خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، سىۋاشىنگىر شىلانفۇنىڭ ئاجرىشىش ئەرزى سۇنىدىغانلىقىنى ئالدىن بىلگەن. شىلانفۇ دوستلىرىغان، بۇنىڭ بىر قېتىملىق دوستانە ھەم ئاددىي ئاجرىشىش بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى ئېيتقان. بۇ يىل 5-ئايدا، سىۋاشىنگىر ئەر-خوتۇن ئىككىيلەننىڭ ئايرىلىپ تۇرىۋاتقانلىقىنى رەسمى ئېلان قىلغان، ئۇزۇنغا قالماي سىۋاشىنگىر ئىلگىرىكى غۇجىدارى بىلەن ئاشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتى، ۋە ئۇنىڭدىن بىر بالىسىنىڭ بارلىقىنى ئېتراپ قىلغان.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-7-2 16:51:09 ئۇقۇلۇشى: 561 قېتىم] |
|