قاتاردا مەخسۇس ئاياللار كىنوخانىسى ئېچىلدى |
كىنوخانىغا كىرىپ كېتىۋاتقان ئاياللار
خەلقئارا تورى خەۋىرى: «ھىندىستان ۋاقىت گىزىتى» نىڭ 29- ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا يېقىندا «دېڭىز قولتۇقى رايونى تۇنجى ئاياللار كىنوخانسى » ئېچىلدى. بۇ كىنوخانىنىڭ ئىسمى «تەشنالىقتىكى ئاياللار كىنوخانىسى» ئىكەن. بۇ يەردە ئوخشاشلا دوھانىڭ باشقا جايلىرىدا قويۇلىدىغان كىنولار قويۇلىدىغان بولۇپ، كىنوخانىنىڭ ئىچىدە 154 ئورۇن بار ئىكەن. بارلىق كىنولارنى قاتار كىنو شىركىتى تەمىنلەيدىكەن. بۇ كىنوخانىدا ھەپتە ئاخىرىدا تۆت كىنو قويۇلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە شەنبە كۈنى بالىلار فىلىملىرى قويۇلىدۇ. كىنوخانىدا قويۇلماقچى بولوغان كىنولار ئىككى ھەپتە بۇرۇن ئۇقتۇرۇلىدۇ. بىراق كونكىرىت ئورۇنلاشتۇرۇش كىنونىڭ قارشى ئېلىنىش دەرىجىسىگە قاراپ ئېلىپ بېرىلىدىكەن.بۇ كىنوخانىنىڭ بىلەت باھاسى باشقا كىنوخانىلارنىڭكىدىن قىممەت ئىكەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-6-30 16:47:25 ئۇقۇلۇشى: 308 قېتىم] |
|