شياڭگاڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا، كانادا نېۋفۇندلانددا بىر جۈپ يىگىت قىز توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن، تويغا كەلگەن بىر مىھمان ئاق كىيىملىك نامەلۇم بىر كىشىنىڭ بوشلۇقتا لەيلەپ كېتىۋاتقانلىقىنى سۆرەتكە تارتىۋالغان، بۇ سۆرەت نۇرغۇن بەس-مۇنازىرىلەرنى قوزغىغان.
شۇ جايدىكى خەلقنىڭ ئۆرپ-ئادىتى تەتقىق قىلغۇچى جارۋىسنىڭ كۆرسىتىشىچە، مۇراسىم نەق مەيدانىدىكى ھاراق ئىسكىلاتىدا ئىلگرىمۇ «جىن» كۆرۈلگەن ئىكەن، لىكىن بۇ سۆرەتتىكىسى نۇرنىڭ سۇنۇش ھادىسىلىرى قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن شەكىللەنگەن بولۇشى مومكىن ئىكەن.