بۇلاڭچى: مۇشۇنداق كەچتە بىر قىز ئۆزى يالغۇز ماشىنا ساقلىسا قانداق بولىدۇ؟ دېدى |
ماتېرىيال رەسىم
مۇشۇنداق كەچتە بىر قىز ئۆزى يالغۇز ماشىنا ساقلىسا قانداق بولىدۇ؟!..... 25 ياشلىق ئەنخۈيلىق ئەر چياۋ** خىزمىتىدىن قالدى، قىز دوستىدىن ئايرىلدى، ئازاپ، دەرت-ئەلەم ئۇنى بۇلاڭچىلىق قىلىشقا مەجبۇر قىلدى.3- ئاينىڭ 25- كۈنى كەچتە، چياۋ** سىجىچىڭ كىيىم كىچەك بازىرىغا يېقىن جايدىكى ئاممىۋىي ئاپتوبۇس بېكىتىدە ئاپتوبۇس ساقلاۋاتقان بىر قىزغا تەھدىت سېلىپ، قىزنىڭ يېنىدىكى بار-يوقى بىر تېلېفون ۋە 12 يۈەن پۇلىنى بۇلىۋالدى. ئۇ قىزنىڭ يېنىدا پۇل يوقلۇقىنى بايقاپ،قىزغا ھىسداشلىق قىلغان ۋە قىزغا مۇشۇ يەردە ساقلاپ تۇرۇشىنى، ئۆزىنىڭ ئازراق پۇل بۇلاپ ئۇنى تاكسىغا سېلىپ قويىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. چياۋ يېقىن ئەتراپتىكى ئاممىۋىي ھاجەتخانا ئەتراپىدا بىر ئوتتۇرا ياش ئايالنى بۇلايدۇ. چياۋ بۇ پۇلنىڭ 130 يۈەنىنى ئايرىۋىلىپ، ئۇنى قويۇۋىتىدۇ. چياۋ قىزنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ ئۇنى ئۆزىگە ھەمرا بولۇپ تاماق يېيېشكە تەكلىپ قىلىدۇ. ئۇلار تاماق يېگىلى ئاشخانا ئىزدەۋاتقاندا،ساقچىلار ئۇنى قولغا ئالىدۇ. تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن چياۋ ** بۇلاڭچىلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەندى. ئۇ سوتتا مۇنداق دېدى:« مەن قورسىقىم بەك ئېچىپ كەتكەچكە بۇلاڭچىلىق قىلدىم. ئويلىمىغان يەردىن بىرىنچى قېتىمدىلا يېنىدا پۇلى يوق قىزغا ئۇچراپ قالدىم. بۇ قىزنىڭ ئەھۋالى مېنىڭكى بىلەن ئوخشاش ئىدى. مۇشۇنداق كەچتە بىر قىز ئۆزى يالغۇز ماشىنا ساقلىسا قانداق بولىدۇ؟!.....شۇڭا ئۇنىڭغا ياردەم قىلغۇم كېلىپ قالدى».
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-6-28 13:41:12 ئۇقۇلۇشى: 398 قېتىم] |
|