كورىيە ناخشا چولپىنى ئوغۇل دوستى تەرىپىدىن 65 پىچاق سېلىنىپ ئۆلتۈرۈۋېتىلدى |
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 23-ئىيۇن خەۋىرى، كورىيە ناخشا ئەترىتى« IRIS» نىڭ ئەزاسى لى ئېنمېي، ئوغۇل دوستى تەرىپىدىن 65 پىچاق سېلىنىپ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن، بىچارە قىز بۇ يىل ئۇ ئەمدىلا 24 ياشقا كىرگەن ئىكەن. ئەسلىدە لى ئېنمېي ساۋ فامىلىلىك ئوغۇل دوستى بىلەن توي قىلشقا پۈتۈشكەن ئىكەن، كېيىن تۇيۇقسىز ئوغۇل دوستى بىلەن توي قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتقان، قىز دوستى تەرىپىدىن تاشلىنىپ كېتىشكە كۆڭلى ئۇنىمىغان ساۋ فامىلىلىك بۇ يىگىت ئالدىنقى ھەپتە قىزنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ باقماقچى بولغان، ئىككەيلەننىڭ سۆزى بىر يەردىن چىقمىغانلىقتىن، يىگىت ئالدىن تەييارلاپ قويۇلغان پىچىقىنى چىقىرىپ قىز دوستىنىڭ قورساق قىسمىغا 65 پىچاق سېلىپ شۇ جايدىلا ئۆلتۈرۈپ قويغان. لى ئېنمېي 2005-يىلىدىن باشلاپ « IRIS» ناخشا ئەترىتىنىڭ ئەزاسى بولغان، گەرچە بۇ ئەترەتنىڭ داڭلىقلىق دەرىجىسى ئانچە يۇقىرى بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تاشقى كۆرۈنىشى چىرايلىق ھەم ئوماق بولغاچقا، ئىنتايىن تېزلا نۇرغۇن ناخشا مەستانىلىرىغا ئىگە بولغان. ئۇ ۋە ئۇنىڭدىن 4 ياش چوڭ ساۋ فامىلىلىك ئوغۇل دوستى قىزغىن مۇھەببەتلەشكەن ھەتتا توي قىلىشقا ۋەدىلىشىپ بولغان، لېكىن ئۇ ئالدىنقى كۈنلەردە تۇيۇقسىز پۇشايمان قىلىپ، ئوغۇپ دوستىدىن ئايرىلىپ كەتمەكچى بولغان. بۇ ھال ئوغۇل دوستىنىڭ قاتتىق ئاچچىقىنى كەلتۈرگەن، شۇنىڭ بىلەن ئوغۇل دوستى ئۇنى باشقا بىرىنى تېپىۋالغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالغان ھەمدە ئۇنى بىر قانچە قېتىم ئۇچرىشىشقا تەكلىپ قىلىپ پاراڭلىشىپ باقماقچى بولغان، لېكىن رەت قىلىنغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، لى ئېنمېي ئالدىنقى ھەپتە يەنى 19-ئىيۇن سەھەردە ئۆيىگە قايتقاندا، ئۇنى ساقلاپ تۇرغان ئوغۇل دوستىغا ئۇچراپ قالغان، ئوغۇل دوستى ئۇنىڭ يولىنى توسۇپ ئەپلىشىپ قېلىش مەقسىتىنى ئېيتقان، لېكىن لى ئېنمېي ئۇنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلىپ، توي قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتقان، ئىككەيلەننىڭ گېپى بىر يەردىن چىقماي تاكاللىشىپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن ساۋ فامىلىلىك بۇ يىگىت ئاچچىقىدا، ئالدىن تەييارلاپ قويغان پىچىقىنى چىقىرىپ قىزنىڭ قورساق قىسمىنىڭ نۇرغۇن يەرلىرىگە 65 پىچاق سېلىپ شۇ جايدىلا ئۆلتۈرۈپ قويغان، يېقىن ئەتراپتىكى كىشىلەر ئەھۋالنى كۆرۈپ ساقچىغا مەلۇم قىلغان، لېكىن ئۇ قېچىپ كەتكەن. كورىيە ساقچى تەرەپ ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول بويىدا ئارام ئېلىپ ئولتۇرغان ساۋ فامىلىلىك بۇ يىگىتنى قولغا ئالغان، قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن جىنايتىنى ئىقرار قىلغان ھەمدە ئىككى تەرەپنىڭ ھېسىياتىدا ئۆزگىرىش بولغاچقا، ئاچچىقىدا شۇنداق قىلىپ قويغانلىقىنى ئېيتقان. لى ئېنمېي ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ناخشا مەستانىلىرى ئۇنىڭ تور بەتلىرىدە« يامان كىشىلەر ھامىنى جاجىسىنى يەيدۇ، سىزنىڭ جەننەتكە كىرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز»دېگەن سۆزلەرنى قالدۇرۇپ قويغان.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-6-24 11:18:08 ئۇقۇلۇشى: 515 قېتىم] |
|