ئېرىدىن سۆيۈش ھەققى تەلەپ قىلغان ئايال ھەممىدىن قۇرۇق قالدى |
تەيۋەننىڭ شىنبېي شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق 63 ياشلىق ئەر لۇ يۇڭفا يېقىندا ئالاقىدار ئورۇنغا ئەرىز سۇنۇپ، خوتۇنىغا يېقىنچىلىق قىلماقچى بولغاندا، قاقتى-سوقتى قىلىشقا ئۇچرىغانلىقىنى توغرىسىدا ئەرز سۇنغان. ئىگلىنىشىچە، لۇ يۇڭفا ئىلگىرىكى خوتۇنىدىن ئاجراشقاندىن كېيىن، ئۈچ يىل ئىلگىرى ھازىرقى خوتۇنى خۇ يىچىن بىلەن توي قىلغان. لۇ يۇڭفا: «قېرىغاندا ھەمراھ بولامدىكىن، دەپ توي قىلغانىدىم، ئويلىمىغان يەردىن ئۆيگەچىشى يولۋاسنى باشلاپ كىرىپتىمەن ئەمەسمۇ؟» دېگەن. ئەسلىدە توي قىلغاندىن كېيىن ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن ئىناق ئۆتكەن. خۇ يىچىن مەلۇم مېھمانسارايدا تازلىق ئىشچىسى بولۇپ ئىشلەپ، ئائىلە تۇرمۇشىنى قامدىغان. كېيىن دوستىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن بىر كۇلۇبتا ئىشلەپ، ئۆزگىرىشكە باشلىغان. ئۇ ھە دېسىلا ئائىلە ئىشلىرىنى قىلمايغان، لۇ يۇڭفاغا سەۋەبسىزلا قوپال تېگىدىغان، بىللە بولۇشنى خالىمغايدىغان بولۇپ قالغان، ھەتتا لۇ يۇڭفادىن بىللە بولغىنىغا 5000 يۈەن، سۆيۈشكىنىگە 200 يۈەندىن 500 يۈەنگىچە بېرىشنى تەلەپ قىلغان. خوتۇنىنىڭ ئورۇنسىز تەلىپىگە چىدىمىغان لۇ يۇڭفا ئاخىرى سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغان. سوت مەھكىمىسى يېقىندا دېلونى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلغان.
ـــ شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-6-24 10:57:17 ئۇقۇلۇشى: 777 قېتىم] |
|