19 ياشلىق قوش جىنىسلىق ئەر مودىل ئايالچە ياسىنىپ ھەممىنى بېسىپ چۈشتى |
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 22-ئىيۇن خەۋىرى، سېربىيەلىك 19 ياشلىك دەرىجىدىن تاشقىرى ئەر مودىل Andrej Pejic نىڭ قاش-كۆزى قاملاشقان، جەزبىدار بولۇپ، سەھنىدە ماڭغاندا كۆپىنچە ئايالچە كىيىملەرنى كىيىدىغان بولۇپ، ئايال مودىللارنى بېسىپ چۈشىدىغان مودىلغا ئايلانغان. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇ ئالدىنقى ھەپتىنىڭ بەشىنچى كۈنى پارىژ سان پاۋلو مودا كىيىم ھەپتىلىكىدە، پارىژنىڭ داڭلىق مودا كىيىم لاھىيىلىگۈچىسى Lino Villaventura نىڭ يېڭىدىن لاھىيىلىگەن ئەرلەر ۋە ئاياللار كىيىملىرىنى كىيىپ باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان. ئۈستىگە قىسقا مايكا، ئاستىغا ئۇزۇن بەللىك ئىشتان، ئۇچلۇق تۇمشۇقلۇق ئاياغ كىيىپ ھەقىقىي ئەرلەرنىڭ سىماسىنى نامايەن قىلسا، ئېغىزىغا لەۋسۇرۇخ سۈرۈپ، نەپىس ئۇزۇن كۆڭلەك، پۇتىغا ئېگىز پاشىنلىق ئاياغ كىيىپ ئىنتايىن جەزبىدار ئايالنىڭ ساماسىنى نامايەن قىلىپ ھەممىنىڭ كۆزلىرىنى ئالا-چەكمەن قىلىۋەتكەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-6-23 10:57:54 ئۇقۇلۇشى: 711 قېتىم] |
|