ياغاچ قورچاق بىلەن 20 نەچچە يىل ئۆي تۇتقان ئەر |
ئامېرىكىدا يېقىندا بىر ئەر چاقلىق ئورۇندۇقتا ياغاچ قورچاقنى ئىتتىرىپ، 110 كىلومېتىرنى پىيادە باستى. كۆرگۈچىلەر ھەيرانلىقتا داڭ قېتىپ قالدى، لېكىن ئەر خۇددى ئۆزىنىڭ بەختىنى تاپقاندەك، خوشال ئىدى. ئىگىلىنىشىچە، 38 ياشلىق بۇ ئەرنىڭ ئىسمى جېك ئىكەن. ئۇ ياغاچ قورچاق بىلەن توي قىلغانلىقى، ئۇنىڭغا «دېرگىن» دەپ ئىسىم قويغانلىقىنى ئېيتقان. جېك ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك ئىشتاتىدىن بولۇپ، 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى بىر بالىلار پاراۋانلىق ئورنىدا ياغاچ قورچاقنىڭ بېشىنى كۆرگەن. كېيىن بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ بوي ئىگىزلىكى 1.80 مېتىر كېلىدىغان ياغاچ قورچاقنى ياسىغان. جېك 1986-يىلى 31-ئۆكتەبىر دېرگىن بىلەن توي قىلغانلىقىنى جاكارلىغان.
___ شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-6-22 10:51:18 ئۇقۇلۇشى: 344 قېتىم] |
|