مەست بولۇپ قالغان ئايال ساقچىخانىدا بىشەملىك قىلىپ كىيىمىنى سېلىۋەتكەن ھەمدە ساقچىنى چىشلەپ يارلاندۇرغان.17-ئىيۇل فىڭتەي تەكشۈرۈش ئىدارىسىىڭ دېيىشىچە،بۇ ئايال ھۆكۈمەت ئىشىغا زىيان كەلتۈررۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن.
تەكشۈرگۈچى تەرەپنىڭ دېيىشىچە،ئۆتكەن يېلى 11-ئاينىڭ4-كۈنى،بۇ ئايال دوستلىرى بىلەن مېھمانخانىدا يىغىلپ ئولتۇرغان،مەست بولۇپ قالغاندىن كېيىن يول بويىدا تاكسى توسىغان،شوپۇر بۇ ئايالنىڭ مەستلىكىنى كۆرۈپ ئىككىلىنىپ تۇرغاندا بۇ ئايال ماشىنىنىڭ ئوڭ تەرەپ نۇر قايتۇرۇش ئەينىكىنى ئۇرۇپ سۇندۇرۋەتكەن ھەمدە ماشىنىنىڭ يامغۇر سۈرتكۈچىنى ئۈزۈۋىتىپ ماشىنىغا چۈشۈپ ئولتۇرغان،شوپۇر ماشىنىدىن چۈشۈپ ساقچىغا مەلۇم قىلغان.
ساقچىلار دەرھال يېتىپ كەلگەن،ئايال ماشىنىدىن چۈششكە ئۇنىمىغان ۋە ساقچىلارنى ئاغزىنى بۇزۇپ تىللىغان.بىر ساقچى ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى تارتىپ ئاچقاندا ئايال ساقچىنىڭ قورسىقى ۋە يوتىسىغا قاتتىق تەپكەن.بىرقانچە ساقچى بىرلىكتە بۇ ئايالنى ساقچىخانىغا ئېلىپ بارغان،ئايال كېيىمىنى سېلىۋىتىپ قالايماقان ۋارقىرىغان ھەمدە نەسىھەت قىلىۋاتقان ساقچىنى چىشلىۋالغان.تەكشۈرۈش ئارقلىق ساقچىنىڭ يىنىك دەرىجىدە يارلانغانلىقى مەلۇم بولغان.