بەش بۇرجەكلىك بىنا ئەتراپىدىكى گۇمانلىق ئەر قولغا ئېلىندى |
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 6-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى خەۋىرى، «بازا» تەشكىلاتىنىڭ يېڭى كاتتىۋېشى زاۋاھىرى «مەھكىمىگە بېرىپ مەنسەپكە ئولتۇرۇش» ئارىلىقىدا، ئامېرىكا ساقچى دائىرىلىرى مۇشۇ ئاينىڭ 17-كۈنى بەش بۇرجەكلىك بىناغا يېقىن جايدا بىر گۇمانلىق ئەرنى قولغا ئالغان ھەمدە ئۇنىڭ دۈمبىسىدە ئۆزى ياسىۋالغان ئادەتتىكى پارتلاتقۇچنىڭ بارلىقىنى بايقىغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، ۋاشىنگتون ۋاقتى مۇشۇ ئاينىڭ 17-كۈنى سەھەردە، بەش بۇرجەكلىك بىنا بىلەن بولغان ئارىلىقى 1000 مېتىردىن ئارتۇقراق كېلىدىغان ئالىڭتون دۆلەتلىك قەبرىستانلىقىدا يۈرۈش-تۇرۇشىنى گۇمانلىق بولغان بىر ئەرنى بايقاپ، ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ، سۈرۈشتۈرۈپلا قولغا ئالغان. ئۇ ئەرنىڭ دۈمبىسىگە ئارتىۋالغان نەرسىلىرى ئىچىدىن ساقچىلار خىمىيىۋى ماددا بولغان ئاممونىي نىتراتنى تاپقان. دېھقانچىلىقتا ئىشلىتىلىدىغان ئاممونىي نىترات ئارقىلىق ئۇ كىشى ئۆزى ئادەتتىكى پارتلاتقۇچنى ياسىغانىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ كىشىدىن يەنە بىر خاتىرە بايقالغان بولۇپ، ئۇنىڭغا «بازا»، «تالىبان ھۆكۈمرانلىقى» ۋە «جىھاد جەڭچىسى» دېگەندەك خەتلەر بار ئىكەن. ئارىدىن ئازراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ساقچىلار بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ كەينىدىكى چاتقاللىقتىن بۇ ئەرنىڭ توختىتىپ قويۇلغان ماشىنىسىنى تاپقان. ئەمما ئۇلار تەپسىلىي تەكشۈرۈش ئارقىلىق مانىشىدىن گۇمانلىق ياكى خەۋپلىك نەرسىلەرنى بايقىمىغان. بازا تەشكىلاتىنىڭ يېڭى كاتتىۋېشى زاۋاھىرى مۇشۇ ئاينىڭ 16-كۈنى رەسمىي ھالدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغان بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر نۆۋەتتە بۇ بازا تەشكىلاتىنىڭ بىر قېتىملىق تېررورلۇق قەستى بولۇشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلىشماقتا. ئەمما ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) نىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بۆلۈمىنىڭ ئەمەلدارى مۇنۇلارنى بىلدۈردى:«ھازىرغىچە بۇ ئەر بىلەن تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قويۇق مۇناسىۋىتىنىڭ بارلىقىنى بايقىمىدۇق». مۇشۇ ئاينىڭ 17-كۈنى كەچرەك، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى خەۋەر ئېلان قىلغۇچى خادىملارنىڭ سۆزىنى نەقىل ئېلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى:«قولغا ئېلىنغان ئەرنىڭ سالاھىيىتى ئاللىبۇرۇن ئاشكارىلىنىپ بولدى، ئۇ تارماق دېڭىز ئارمىيىسى دېسانتىنىڭ زاپاس مەجبۇرىيەت ئۆتەۋاتقان ئېفىئوپىيەلىك، بۇ يىل 22 ياشقا كىرگەن ئەسكىرى ئىكەن. ئۇ ھازىر ۋاشىنگتونغا يېقىن ۋىرگىنىيە شتاتىدىكى فېرفاكېس ناھىيىسىدە تۇرىدىغان بولۇپ، دېلو يۈز بەرگەندىن كېيىن، ساقچى تەرەپ دەرھال ئۇنىڭ قورۇ جايىنى تەكشۈرگەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-6-19 12:58:03 ئۇقۇلۇشى: 179 قېتىم] |
|