News site - خەۋەرلەر - «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا مۇزىكا سەنئىتى ۋە خەلق ئويۇنلىرى - Sports|world News|it News|china News|Local News Business|Moble|USA|Computer|Game|Pic|Soft|Tv|Sony|Samsung|Intel|IBM|ASUS|Motorola|Nokia...
 

باش بەت خەۋەرلەر ئۇچۇرلار mp3 ناخشا MTV ناخشا كىنوخانا تور ئويۇنلىرى كۈلدۈرگە دېتاللار رەسىم

باش بەت خەۋەر ئىقتساد ماقالە-ئەسەرلەر mp3 ناخشا دېتال چۈشۈرۈش كۈلدۈرگە شئېرلار PS ئۆگىنىش پەن-مەدەنىيەت رەسىم دۇنياسى
چولپانلار سودا مائارىپ مەخسۇس سەھىپە MTV ناخشا ئۇيۇن چۈشۈرۈش كىنوخانا ھىكايە كىتاب ئۇچۇرى ئىقتىساسلىقلار سەنئەت ئۇچۇرى
ئۆگۈنۈش ئۇچۇر جەمئىيەت مەدەنىيەت ئۇچۇرى تور ئويۇنى تور بىلىملىرى كارخانىلار يۇمۇرلار سۈرۈشتۈرۈش ئۇلىنىش دۇنياسى سۆز قالدۇرۇش

tel:13139663453
باش بەت | خەلىقئار | مەملىكەت | شىنجاڭ | مەدىنىيەت | ئىقتىساد | مائارىپ | جەمئىيەت | ئۆرىپ - ئادەت | تەنتەربىيە | قانۇن | سۈرەتلىك
تېمىسى مەزمۇنى باھا  

دۇنيادىكى يېڭىلىقلاردىن خەۋەردار بۇلۇپ تۇرۇشىڭىزدىكى ئەڭ ياخشى تاللىشىڭىز شىرنىم تورى خەۋەر مەركىزى ، ئادرىسىمىز :

   تەۋسىيە خەۋەرلەر

 

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:توپنى ياخشى ئوينىغانلار ياخشى مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ
توپنى ياخشى ئوينىغا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:NBA ئىككى تەرەپ سۆھبىتىدىكى ئىختىلاپ داۋاملىق كىچىكلەۋاتىدۇ
NBA ئىككى تەرەپ سۆھبى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:پائۇل باشقىلارنىڭ كۆكسىگە ئوغرىلىقچە قارىغانلىقىنى ئىنكار قىلدى
پائۇل باشقىلارنىڭ ك..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ۋاسكىتبول چولپىنى جامىس كەمسىتىلدى
ۋاسكىتبول چولپىنى ج..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:كوبى ئىتالىيە توپ مەستانىلىرنى ماختىدى
كوبى ئىتالىيە توپ م..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:جۇڭگو ئامېرىكا مائارىپىدىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيدۇ
جۇڭگو ئامېرىكا مائا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:كىنۇ ئارتىسى ئەنجىلىنا جۇلى لېۋىيە خەلقىنى يوقلىدى
كىنۇ ئارتىسى ئەنجىل..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:شاكىرا يۈزسىزلىك قىلغان يىگىتىدىن غەزەپ بىلەن ئايرىلىپ كەتتى
شاكىرا يۈزسىزلىك قى..

   ئاۋات خەۋەرلەر

 

 
دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ قىبلىگاھى _(كەبە)
ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ گۈزەللىك ئادەتلىرىگ..
«يالىڭاچ قىز» ئويۇنچۇق مۇنازىرە قوزغىدى
نەزىر–چىراغ قائىدىلىرىمىزدىكى ئۆسمىلەر
سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئۆزگىچە توي مۇراس..
رۇسىيەدىكى قانلىق ئىت تالاشتۇرۇش مۇسابىق..
96 ياشلىق «پاھىشە» ھازىرمۇ «خىزمەت» قىلىۋ..
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ ياسىلىشى
ئۇيغۇرلاردا كېلىن چۈشەنچىسى
شەھەرلىك سۈن ۋۇكۇڭنى زىيارەت
ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ قۇراق بويۇملىرى
ھەقىقى بەخىت نىمە؟
موسكىۋادا قىزلار كوچىدا كىشىلەرگە بۆلجۈر..
فۇجيەن ئۆلكىسى ئالاھىدە زور يالغان پۇل دې..
بۆشۈك ۋە بۆشۈكتە بالا بېقىش ئادىتىمىز
شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ‹‹ئات مەدەنىيىتىن..
خوتەن قەغەزچىلىكى ۋە ئۇنىڭ باش – ئاخىرى
«تۈركىي تىللار دىۋانى»دا مۇزىكا سەنئىتى ۋە خەلق ئويۇنلىرى
بۇ

 

ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا - ئۇسسۇل سەنئىتى ۋە ئويۇن مەدەنىيىتى ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. تارىخىي مەنبەلەرگە قارىغاندا، تۈركىي خەلقلەر ئوۋچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان ئەڭ قەدىمكى دەۋرلەردىلا بىرەر ئىشتىن نەتىجە - مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندا، خەيرلىك كۈنلەردە قېرى - ياش، ئەر - ئاياللار بىر يەرگە جەم بولۇپ، مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ تەنتەنە قىلىدىغان ئادەتنىڭ بولغانلىقى مەلۇم. ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى قەھرىمانلىق داستانلىرىدىن بىرى بولغان «ئوغۇزنامە» ئېپوسىدىكى ئوغۇزخاقان ئەل - جامائەتنى تەكلىپ قىلىپ، كاتتا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەنلىكىنى ۋە مۇراسىمدىكى بەزى ئادەتلەرنى قەدىمكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ بىر قىسىم مۇراسىم - ئادەتلىرىنىڭ ئىپادىلىنىشى دېيىشكىمۇ بولىدۇ. تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا بولىدىغان بۇنداق مۇراسىملار خەنزۇ تارىخچىلىرى تەرىپىدىنمۇ خاتىرىلەنگەن. مىلادىيە 5 __ 6 - ئەسىرگە ئائىت «ۋېي يىلنامىسى»نىڭ «گاۋچې» (ئېگىز ھارۋىلىقلار يەنى قاڭقىللار) تەزكىرىسىدە، ئېگىز ھارۋىلىقلارنىڭ ئۆرپ - ئادىتى ئۈستىدە توختالغاندا: «ئۇلارنىڭ قەبىلىلىرى بىر يەرگە يىغىلىپ مۇراسىم ئۆتكۈزگەندە، يىغىلغۇچىلار نەچچە تۈمەن بولاتتى، مال سويۇپ، ئات بەيگىسى قىلاتتى، سەيلە قىلاتتى، ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئوينايتتى» دەپ خاتىرىلەنگەن. مىلادىيە 5 __ 6 - ئەسىرلەرگە تەئەللۇق بولغان قىزىل مىڭئۆي ، قۇمتۇرا مىڭئۆيلىرىگە سىزىلغان بەزى تام رەسىملىرىدىمۇ ئەر - ئاياللارنىڭ بىرلىكتە ساز چېلىپ، نەغمە - ناۋا قىلىپ، مۇراسىم ئۆتكۈزۈۋاتقان كۆرۈنۈشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. مانا بۇلار بۇنداق نەغمە - ناۋا بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىملارنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەدەنىي ھاياتىدا خېلى كەڭ دائىرىدە ئومۇملاشقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

  كىشىلەرگە مەلۇمكى، ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن ناخشا - ئۇسسۇل ۋە مۇزىكىغا ھېرىسمەن مىللەت. شۇڭىمۇ قەدىمدىلا «ناخشا - ئۇسسۇلغا ماھىر»، «سەنئەتخۇمار» دېگەن ناملار بىلەن جاھانغا مەشھۇر بولۇپ كەلگەن. ئادەتتىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقانداق بىر پائالىيىتى ناخشا - مۇزىكىسىز بولمايدۇ. ئۇ ئەمدىلا مېڭىشقا باشلىغان بالىلاردىن تارتىپ، قېرىلارغا قەدەر چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەن. نازۇك، نەپىس ۋە كۆپ خىل ئىپادىلەش كۈچىگە ئىگە ئۇيغۇر ئۇسسۇلىغا ماس ھالدا تەرەققىي قىلغان مۇزىكا سەنئىتى بەدىئىيلىكىنىڭ يۇقىرىلىقى، ئاھاڭىنىڭ كۆپ خىللىقى، رىتىمىنىڭ مۇرەككەپلىكى، ۋەزنىنىڭ ئېنىق، ئۆلچەملىكلىكىدەك ئالاھىدىلىكلىرىنى قەدىمكى دەۋرلەردىلا جاھانغا نامايان قىلغان. ئۇيغۇر مۇزىكىسىنىڭ بۇ خىل ئالاھىدىلىكىنى تولۇق ئىپادىلەش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئۇيغۇر چالغۇلىرىنىڭ تۈرىمۇ ئىنتايىن كۆپ بولغان. ئۇيغۇر چالغۇلىرىنىڭ مىلادىيىدىن ناھايىتى كۆپ ئەسىر ئىلىگىرىلا پەيدا بولغانلىقى توغرىسىدا يازما مەنبەلەر بار. «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىن ئۇيغۇر چالغۇلىرىنىڭ بىرقانچە تۈرىنى كۆرۈشكە بولىدۇ. مەسىلەن، «ئىگەمە __ بىر تۈرلۈك چالغۇ ئەسۋابى، قوبۇزغا ئوخشاش چېلىنىدۇ»، «قوبۇز __ ئۇد (باربىت)قا ئوخشايدىغان تارىلىق چالغۇ ئەسۋابى» (1 - توم، 473 - بەت). «سىبىزغۇ __ سىبىزغا نەي» (1 - توم، 636 - بەت) ۋە ئۇنىڭدىن باشقا چاڭ، بۇرغا قاتارلىقلار.
مەشرەپ، بەزمە ۋە تۈرلۈك زىياپەت ئولتۇرۇشلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ قويۇق مىللىي مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم نامايەندىسى بولۇپ، «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەشرەپ - بەزمىلىرى مۇنداق ئىزاھلانغان: «سۇغدىچ __ قاتار بەزمە، قىش كۈنلىرى دوستلار ئارا نۆۋەت بىلەن بولىدىغان مەشرەپ»، «شۇرچۇك __ مەشرەپ، كېچىلىك ئولتۇرۇش»، «كەتسەم __ كېچىسى ئۆزى كېلىپ قالىدىغانلارغا بېرىلىدىغان زىياپەت»، «كۇدىن __ بالىغا ئات قويۇش زىياپىتى»، «بۇچى __ ئاۋازلىق، مۇڭلۇق بىر خىل ئۇد» (3 - توم، 302 - بەت). «يىراغۇ __ چالغۇچى، سازەندە، ناخشىچى» (3 - توم، 46 - بەت). يۇقىرىقى مەلۇماتلار مەخسۇس خاراكتېردىكى زىياپەت - مۇراسىم ئادىتىنىڭ ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىدا قەدىمدىلا ئومۇمىي خاراكتېر ئالغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، مەھمۇد قەشقەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا نەقىل قىلغان قوشاقلار ئىچىدىمۇ نەغمە - ساز بىرلەشكەن، مەشرەپ شەكلىنى ئەسلىتىدىغان قوشاقلارمۇ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن:

كۆكلەر قامۇغ تۈرۈلدى،
ئىۋرىق، ئىدىش تىزىلدى،
سەنسىز ئۆزۈم ئۆزەلدى،
كەلگىل ئامۇل ئاۋنالىم.
مەنىسى:
ھەممە سازلار تۈزۈلدى،
ئىۋرىق، ئىدىش تىزىلدى،
سەنسىز كۆڭلۈم بۇزۇلدى،
كەلگىن ئاستا ئوينايلى.

ئىۋرىق باشى قازلايۇ،
ساغراق تولۇ كۆزلەيۇ،
ساقنىچ قۇدى كىزلەيۇ،
تۈن - كۈن بىلە سەۋنەلىم.
مەنىسى:
ئىۋرىق بوينى غاز كەبى،
قەدەھ تولۇق كۆز كەبى،
ھەسرەتنى تۈۋىگە يوشۇرۇپ،
تۈن - كۈن بىلەن سۆيۈنەيلى.

ئوتۇز ئىچىپ قىقىرالىم،
يۇقار قوپۇپ سەكرەلىم،
ئارسلانلايۇ كۆكرەلىم،
ساقنىچ قاچتى سەۋنەلىم.
مەنىسى:
ئۈچ رەت ئىچىپ ۋارقىرايلى،
يۇقىرى قوپۇپ سەكرەيلى،
ئارسلاندەك ھۆركىرەيلى،
قايغۇ قاچتى سۆيۈنەيلى.

نەقىل قىلىنغان بۇ قوشاقلارنىڭ مەزمۇنىدىن ئەر - ئايال بىرلىكتە ناخشا - ساز بىلەن ئۇسسۇلغا چۈشىدىغان، شاد - خۇرام كۆڭۈل ئاچىدىغان بىر خىل مۇراسىم شەكلىنىڭ ئەنە شۇ چاغلاردىلا بىرقەدەر رەسمىي تۈس ئالغانلىقىنى چۈشىنىش مۇمكىن. يۇقىرىقىلار بىزنى ھازىرقى ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنىڭ خېلى قەدىمكى زامانلاردىلا بىر خىل ئەنئەنىۋى ئادەتكە ئايلانغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇيغۇر مۇزىكا سەنئىتىنىڭ بەلگىلىك سەۋىيىگە يەتكەنلىكىنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

  ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ھاياتىدا خەلق ئويۇنلىرىمۇ بەلگىلىك سالماقنى ئىگىلىگەن بولۇپ، بۇ ھەقتە مەھمۇد قەشقەرى ئېنىق مەلۇمات قالدۇرغان. «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى خەلق ئويۇنى خاراكتېرىنى ئالغان بولۇپ، ئەينى دەۋرلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرادە چېنىقتۇرۇشى ۋە ماھارەت يېتىلدۈرۈشىنىڭ ئاساسى بولغان. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى خەلق ئويۇنلىرى: ئات چاپتۇرۇپ كېتىۋېتىپ، ئوقيانى ئارقىغا قارىتىپ ئېتىپ نىشانغا تەگكۈزۈش، ئات ئويۇنى، چۆۋگەن توپ ئويۇنى ، ئوغلاق تارتىشىش، سارغايدى ئويۇنى، دارۋازلىق، سېھرىگەرلىك، موللاقچىلىق، ساقا ئويناش، تەپكۈچ ئويناش، لەگلەك ئۇچۇرۇش ۋە شۇنىڭدەك نۇرغۇن بالىلار ئويۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ئۆز ھاياتىنى ئىلىم ئىشلىرىغا بېغىشلاپ، جاھان مەدەنىيەت خەزىنىسىگە قوشۇلغان بۇ ئىلمىي ئەسەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەنلىكى بىزنىڭ مەڭگۈ قەدىرلىشىمىزگە ۋە ھۆرمەت قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.

  ئۇ تۈركىي خەلقلەر ياشىغان كەڭ زېمىنلاردا 15 يىلدىن ئارتۇق ئىلمىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، بۇ زور ئىلمىي ئەسەرنى، ئۇلۇغ قامۇسنى ۋۇجۇدقا چىقارغان.

  «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ تەڭداشسىز قىممىتى ئۇنىڭ سېلىشتۇرما لۇغەت بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە تۈركىي خەلقلەرنىڭ ماقال - تەمسىللىرى، ئۆرپ - ئادەتلىرى، جۇغراپىيىلىك ئەھۋاللىرى، ئاسترونومىيە، كالېندارچىلىق قاتارلىق نۇرغۇن بىلىملەر بىلەن باغلىنىشلىق بولغان بىر چوڭ قامۇس بولغانلىقىدا، شۇنداقلا تۈركىي خەلقلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى، ئېتنىك مەنبەسى، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇللىرى، ھۈنەر - سەنئەت مەدەنىيىتى ۋە مەنىۋى ھاياتىدىن بىزگە مەلۇمات بېرىدىغان قىممەتلىك ئەسەر بولغانلىقىدا! شۇڭا، بىز ئالدى بىلەن ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ئىلىمگە ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنى، ئىلىم ئۆگىنىش جەريانىدا جاپا - مۇشەققەتلەردىن قورقمايدىغان ئىزدىنىش روھىنى، شۇنداقلا ئەجدادلارنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئەۋلادلارغا ئۇلاپ بېرىشتەك ئالىيجاناب روھىنى، ئىلىم ئۆگىنىشتىكى ئاجايىپ قەيسەرلىكى ۋە شىجائىتىنى ئۆگىنىشىمىز لازىم.

  شۇنىڭدەك، ئىلىمنىڭ يۈكسەك پەللىسىگە چىقىش ئۈچۈن ھارماي ئىلگىرىلەشتەك روھىنى ئۆزىمىزگە قىبلىنەما قىلىشىمىز، ئىلىم ۋە ئىجادىيەت يولىدا توختىماي ئىلگىرىلىشىمىز، ئۇنىڭ ئىشلىرىغا ئەبەدىلئەبەد ۋارىسلىق قىلىشىمىز لازىم. مەن بۇ شېئىرىم ئارقىلىق ئالىمغا بولغان چوڭقۇر سېغىنىشىم ۋە ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن:ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد بوۋامغا
يىرتىلدى مىڭ قېتىم كالېندار پۈتۈن،
ئۆتكەزدى بىر - بىرلەپ جاھان مىڭ يىلنى.
پۇرىدى مەرىپەت خەزىنىسىدىن،
ئىپتىخار ئىچىدە مىڭ باھار گۈلنى.

بار شۇنداق رىۋايەت لوقمان ھەكىمنى
ئۈچ مىڭ يىل ياشىدى، دېگەن ھېكايە.
مىڭ يىللاپ ياشىدى شۇنداق بىر ئىنسان،
ئەۋلادلار قەلبىدە يورۇق، نۇرانە.

ئۇ قايسى ئەۋلىيا، قانداق بىر ئىنسان؟
دەپ سوراپ قالسىڭىز تەئەججۈپ بىلەن.
دەيمىز بىز: ئۇ ئالىم مەھمۇد قەشقەرى،
پەزىلەت ئىگىسى ئالىي مۆھتەرەم!
«مىڭ يىل» دەپ سانىماق ئېغىزدا ئاسان،
ئايلىنار مىڭ قېتىم بۇ چەرخى دەۋران.
ئۇ شۇنداق ياشىدى ئەلنىڭ قەلبىدە،
ئۆلمىگەن، ئۆلمەيدۇ ئۇ ئۇلۇغ ئىنسان.

مىڭ يىلغا ئابىدە تىكلەپ ھە بۈگۈن،
قىلماقتا بۇ جاھان ئەھلى تەنتەنە.
«دىۋانى لۇغەت»نى قولتۇقلاپ بوۋام،
ئالىي بىر نەزەردە قارايدۇ ئەنە.

ئۆتتى بۇ مىڭ يىللىق ھايات مۇساپە،
كىم سىزنى كۆز يۇمدى دەيدۇ تۇپراققا؟
سىز گويا بىر ئېقىن ئۈزۈلمەيدىغان،
ئوخشايسىز ئۇخچىغان سىرلىق بۇلاققا.

مەنبە: جۇڭگو مىللەتلىرى ژۇرنىلى «تەڭرىتاغ تورى»

[ئاپتورى:   مەنبەسى:   ۋاقتى: 2011/6/16 16:33:47  ئۇقۇلۇشى: 483 قېتىم]

  
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز !

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:لىۋىيە ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەر كازافىينىڭ جەسىتىنى چوڭقۇر قۇملۇققا كۆمدۇق دېدى
لىۋىيە ھاكىمىيەت..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:تۈركىيە ئىسرائىلىيىنىڭ تۈركىيىدىكى قاتتىق يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ياردەم بېرىش تەلىپىىنى رەت قىلدى
تۈركىيە ئىسرائىل..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:لېۋىيەدە ئىچكى ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى جاكارلاندى
لېۋىيەدە ئىچكى ئ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:فەن بىڭبىڭ ئەڭ چىرايلىق باھالىغۇچى بولۇپ تەرىلەندى
فەن بىڭبىڭ ئەڭ چى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:خۇڭ جىن باۋ بېيجىڭدا ئاددىي پۇقرانىڭ كۈنىنى ئالماقتا
خۇڭ جىن باۋ بېيجى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:دوختۇرىنىڭ جېكسۇننى ئۆلتۈرۈش دېلوسىدا ئىلگىرىلەش بولدى
دوختۇرىنىڭ جېكسۇ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ھويلا-ئارام ئىگىلىكىدىن نەپ ئېلىش
ھويلا-ئارام ئىگى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:روسىيە ئىچكى ئىشلار مېنىستىرلىقىنىڭ ئايال ساقچىلىرى
روسىيە ئىچكى ئىش..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ھۈسەن بورىت چەكلەنگەن دورا يەپ رېكورتى ياراتقىنىغا ئىشىنەمسىز
ھۈسەن بورىت چەكل..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:توپنى ياخشى ئوينىغانلار ياخشى مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ
توپنى ياخشى ئوين..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:NBA ئىككى تەرەپ سۆھبىتىدىكى ئىختىلاپ داۋاملىق كىچىكلەۋاتىدۇ
NBA ئىككى تەرەپ سۆ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:چەتئەلگە چىقىپ كېتىپ بالىلىق بولغان داڭلىق چولپانلار
چەتئەلگە چىقىپ ك..

كىرىمىنى زاۋۇتىغا جىددى 10نەپەر ئىشچى قوبۇل قىلىنىدۇ .
ھۇكىمەت تارىمقدىكى ساندوقلۇق مال يەتكۇزۇش ئورنىغا جىد..
كىتاپخانىمىزغا جىددىي خىزمەتچى قوبۇل قىلىمىز
خىزمەتچى ئېزدەش
پاختا زاۋۇتىغا جىددى 15نەپەر ئىشچى قوبۇل قىلىنىدۇ .
ساماۋەر شورپىخانىسىغا جىددىي خىزمەتچى قوبۇل قىلىمىز
ئۇرۇق زاۋۇتىغا جىددى ئشچى قۇبۇل قىلمىز
ھوكۇمەت تارمىقىدىكى ئاليۇمىن زاۋۇتىغا
مەن تۇكچى خىزمەت ئزدەيمەن ئايلىقىم 3000 بۇلسابۇلىدۇ
ھوكۇمەت تارمىقىدىكى ئاليۇمىن زاۋۇتىغا ]جىددى 50نەپەر خى..
سوپۇن زاۋۇتىغا جىددى 20 نەپەر ئەر-ئايال قوبۇل قىلىمىز
ئۆي بىزەكچىلىك ئورنىغا جىددى ئىشچى لازىم،
ئۇن زاۋۇتىغا جىددى 15نەپەر ئىشچى قوبۇل قىلىنىدۇ
ھۆكۈمەت ئۇرنىفا جىددى ئامانلىق ساقلىفۇچى قۇبۇل قىلمىز..
قاچا-قۇچا  دېزىنفىكسىيىلەش ئورنىغا جىددى 15نەپەر قىز-  ئ..

خوچىزەندە يىتوسەن ئوي پار ئىچىدە 800 يۇەنگە ئىجارە بىرىل..
جىددىي ئۆي سىتىلىدۇ
قاراقاش تەپتىش مەھكىمىسى ئائىلىلىكلەر بىناسى 3- قەۋەتت..
يەنئەن يولى قازاق مەكتەپ يىنىدا بىر ئېغىزلىق ئۆي ئىجار..
يەنئەن يولى قازاق مەكتەپ يىنىدا بىر ئېغىزلىق ئۆي ئىجار..
دېھقانچىلىق ئىدارىسى ئىچىدىن ئۆي ئىجارىگە بېرىلىدۇ
ئۈچىنچى دوختۇرخانا يېنىدىكى ئۆي ئىجارىگە بېرىلىدۇ
شىنجاڭ ئونۋىرسىتى يېنىدىن بىر ئېغىزلىق ئويلەر جىددى ئى..
سەنئەت مەكتەپ ئالدىدا تىتو سىئوي 1200 يۇەنگە ئىجارە بىرى..
سەنئەت شويەنىنىڭ ئالدىدا يىتوسى 85 پىڭغاڭلىق ئوي ئىجارە..
ئەرزان باھادا جىددى  ئۆي ئىجارە بىرلىدۇ.
شىنجاڭ ئونۋىرسىتى يېنىدا بىر ئېغىزلىق ئۇيلەر ،قىزلارغ..
كارخانا ،ئامبار قىلىشقا مۇۋاپىق كىلىدىغان 500،300،200،100پى..
ساڭخاڭكو 5-ئەتىرەت ئۇيغۇرلار مەھەللىسىدە 800كۇۋادىرات م..
سەنىئەت شۆيۈەننىڭ ئالدى تەرەپتە 84پىڭفاڭلىق ئۆي 1200يۈەن..

Onsoz
Yurtta Ask
Of Of
Dillere Dusecegiz
تۈرۈكچە تاللانما
رەيھان كونسىرتى(2)
رەيھان كونسىرتى(1)
سۆيگۈ ئۈچۈن
مەرەز ئېلى
گۈل سەنەم
ئۇزاق يول
نامسىز !!!

شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى  (2010 - 5 - 17)  ,    ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453 ICP10001556