ئالىملار «ئادەم سۈتى» ئىشلەپچىقىرالايدىغان كالىنى يېتىشتۈردى |
ئارگېنتىنالىق ئالىم بىلەن سېغىن كالا «روسىتا» نىڭ بىرلىكتە چۈشكەن رەسىمى
جۇڭگو ئاخبارات تورى 13-ئىيۇن تېلگېراممىسى ئەنگلىيە «كۈندىلىك تېلگېراف گېزىتى» خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئارگېنتىنالىق ئالىم يېقىندا دۇنيادىكى تۇنجى ئىككى دانە ئادەم گېنى بولغان كالىنى يېتىشتۈرۈپ چىققان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ ئانا سۈتى بىلەن ئوخشاش بولغان سۈت مەھسۇلاتى ئىشلەپ چىقارماقچى ئىكەن. ئارگېنتىنا پەيتەختى بۇئېنوس ئايرېستىكى دۆلەتلىك يېزائىگىلىك ئونۋېرسال پەن-تېخنىكىسى تەتقىقات ئورنى (National Institute of Agribusiness Technology) نىڭ ئالدىنقى كۈنى بايانات ئېلان قىلىشىچە، بۇ سېغىن كالا كلون (جىنىسسىز كۆپەيمەك) تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىلغان بولۇپ، بوۋاقلارنى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەشتىكى بىر چوڭ ئىلگىرىلەش ئىكەن. خەۋەرلەرگە ئاسالانغاندا، بۇ يىل 4-ئاينىڭ 6-كۈنى، «روسىتا ISA» قورساقىنى يېرىش ئوپېراتسىيىسى ئارقىلىق دۇنياغا كەلگەن، تۇغۇلغان ۋاقتىدا بەدەن ئېغىرلىقى 100 قاداق (45 كىلوگىرام) بولۇپ، ئادەتتىكى يېرسېي سېغىن كالىسىنىڭ تۇغۇلغان ۋاقىتتىكى بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئىككى ھەسسىچىلىك كېلىدىكەن. بۇ تۈردىكى تەتقىقاتقا قاتناشقان ئارگېنتىنا ساينت مارتىن دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئادىرىئان دېكەمبېنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، «روسىتاISA» نىڭ ئىشلەپچىقارغان سۈتى ئىنسانلارنىڭ ئانا سۈتى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، «كىرگۈزۈلگەن ئىنسانلارنىڭ گېننىڭ ھەممىسى ئىنسانلار ئېمىتىش مەزگىلىدىكى سۈت بېزىلا ئاجرىتىپ چىقىرالايدىغان ئاقسىل» ئىكەن. دېكەمبې: «بىزنىڭ مەقسىتىمىز كالا سۈتىنىڭ ئوزۇقلۇق قىمىىتىنى ئاشۇرۇش، ئادەم سۈتىدىكى ئاقسىل يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ باكتىريەگە ۋە كېسەللىك ۋىروسىغا قارشى تۇرىدىغان ماددا بىلەن تەمىنلەيدۇ، بۇ خىل كالا سۈتىنىڭمۇ مۇشۇنداق رولى بار» دېدى. 4-ئايدا، جۇڭگودىكى ئالىملارمۇ بۇ خىل سېغىن كالىنى يېتىشتۈرۈپ چىققانلىقىنى ئېيتقان، بىراق ئارگېنتىنا ئالىمىنىڭ دېيىشىچە ئۇلار ئىككى دانە ئادەم گېنى كىرگۈزگەن، جۇڭگونىڭ ئالىملىرىدىن بىر دانە ئارتۇق، شۇڭا ئىشلەچىقىرىلغان كالا سۈتى ئانا سۈتىگە تېخىمۇ يېقىن ئىكەن. ئارگېنتىنانىڭ ئايال زۇڭتۇڭى كىرىستىنا كىرىشنىر بۇ تەتقىقات ئورنىغا تەبرىكنامە يوللاپ، «بارلىق ئارگىنتىنا خەلقى سىلەردىن پەخىرلىنىدۇ» دېدى. بىراق، كېرىستىنانىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئالىملارنىڭ ئۇنىڭ ئىسمىنى بۇ كالىغا قويماقچى بولغاندا، ئۇ ئارىسالدىلىق بىلەن رەت قىلغان. «ئۇلار ماڭا كالىنىڭ ئىسمىنى كىرستىنا قويۇشنى ئېيتتى، بىراق بىر ئايال بولۇش سۈپىتى بىلەن كىمنىڭمۇ بىر كالا بىلەن ئىسىمداش بولغۇسى كېلىدۇ؟» ئايال زۇڭتۇڭ: «شۇڭا مەن روسىتا دىگەن ئىسىمنى كالىغا ئەڭ مۇۋاپىق دەپ قارىدىم» دېدى.
مەنبە: news.xinhuanet.com
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011/6/13 19:46:51 ئۇقۇلۇشى: 687 قېتىم] |
|