سىۋاشىنڭگىرنىڭ ئايالى 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئاجرىشىش تۆلىمى تەلەپ قىلدى |
ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ سابىق باشلىقى، ھوللىۋۇدنىڭ داڭلىق كىنو چولپىنى سىۋاشىڭگىرنىڭ ئايال غوجىدار بىلەن بىر بالىلىق بولغان سەتچىلىكى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ نىكاھ تۇرمۇشى چاك-چېكىدىن يېرىلىشقا باشلىدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، شىۋاسىنڭگىر ھازىرقى ئايالى بىلەن ئاجرىشىش كېلىشىمى ئۈستىدە سۆھبەتلىشىشنى باشلىغان، ئۇ بۇ ئىشنىڭ ئادىل ۋە تىنىچ يول بىلەن ھەل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن. ئايالى ۋە بالىلىرىنىڭ بۇ ئىش تۈپەيلى ئازارلىشىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن. ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرى: ئەگەر ئۇلار راستتىنلا ئاجىرىشىپ كەتسە، شىۋاسىڭگىرغا زور چىقىم بولىدۇ، ئۇ قارشى تەرەپكە 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق ئاجرىشىش تۆلىمى بېرىدۇ، دەپ خەۋەر بەرگەن.
ـــــ شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-6-11 20:50:49 ئۇقۇلۇشى: 553 قېتىم] |
|