ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ چوقۇنىشى نورمال ئەھۋال بىراق بۈگۈنكى كۈندە ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلار يازغان سۆيگۈ خېتىنى تاپشۇرۋالىدىغان ئەھۋاللار كۆپىيىپ قالغان.
5-ئاينىڭ31-كۈنى بىر ئايال توردا مۇنداق دىگەن«ئېرىم شىئەندىكى مەلۇم بىر ئالىي مەكتەپنىڭ ئۇقۇتقۇچىسى بۇلۇپ ئالدىنقى كۈنى ئوقۇغۇچىسىنىڭ سۆيگۈ خېتىنى تاپشۇرىۋاپتۇ،ئېرىم ئۆيگە كىلىپلا بۇ ئىشنى ماڭا ئېتقان بولسىمۇ يەنىلا ناھايىتى ئاچچىقىم كەلدى».بۇ ئايالنىڭ دېيشىچە ئۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى ناھايىتى بەخىتلىك بۇلۇپ ئېرى ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن پاراڭلاشقان چاغلاردىمۇ دائىم ئايالى ۋە بالىسىنى تىلغا ئالىدىكەن،كىم ئويلىغان بۇ ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىسىنىڭ سۆيگۈ خېتىنى تاپشۇرىۋالغان.
يەنە بىر ئايالمۇ مۇشۇنداق ئەھۋالغا يۇلۇققان بۇلۇپ ھامىلدار ۋاقتىدا بىر ئوقۇغۇچى ئېرىگە توختىماستىن ئۇچۇر يوللىغان،دەسلەپتە يولدىشى ئۇ قىزغا مەن توي قىلىپ بولغان دەپ ئۇنى ياخشى ئوقۇشقا دەۋەت قىلغان،بىراق ئۇ قىز يەنىلا ھوشىنى تاپالمىغان،ھەر كۈنى ئۇچۇر يوللىغان ھەتتا يېرىم كىچىلەردىمۇ يوللىغان.كېيىن بۇ خانىمنىڭ ئېرى ئۇ قىزغا تىلفۇن ئۇرۇپ ئەمدى ئاۋارە قىلماسلىقنى بولمىسا ساقچىغا مەلۇم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىنلا ئاندىن بېسىققان.