كىشىلەر ئەمدى ئۆزى ئۇچۇپ ساياھەت قىلسا بولىدىغان بولدى |
4- ئايدا بىر قېتىم سىناق قىلىنغان بولۇپ، ئۇ چاغدا 30 مېتىر ئېگىزلىكتە ئۇچقان. يەتتە مىنۇت داۋاملاشقان.
جۇڭشىن تورى 6- ئاينىڭ 1- كۈنى خەۋىرى: چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېڭى زىللاندىيە كەشپىياتچىسى يېقىندا يېڭى بىر خىل «ئۇچۇش سومكىسى» كەشپ قىلدى. ئۇ 1500 مېتىر ئېگىزلىككە ئۆرلىيەلەيدۇ.خەۋەرلەرگە قارىغاندا، يېڭى زىللاندىيەلىك كەشپىياتچى ئالدىنقى ھەپتە كانتېربۇرى رايونىدا بۇ ئۇچار سومكىنى سىناق قىلدى. كەشپىياتچى يالغان ئادەمنى مەشغۇلات قىلغۇچى قىلىپ قويۇپ، بۇ سومكىنى يىراقتىن باشقۇرۇپ سىناق قىلدى. 1500 مېتىر ئېگىزلىككە چىققاندىن كېين ئۇ ئاستا- ئاستا 609 مېتىر ئېگىزلىككە پەسلىدى. پۈتۈن ئۇچۇش جەريانى 10 مىنۇت داۋاملاشتى. نۆۋەتتىكى سىناق بولسا بۇ ئۇچار جىسىمنىڭ ئەڭ ئۇزۇن ۋاقىت ئۇچقان قېتىمى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. بۇ قېتىمقى سىناقنىڭ مۇۋەپىقىيەتلىك بولۇشى كىشىلەرنىڭ ئۇچار سومكىنى ئېسىپ ساياھەت قىلىش ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىدىن دېرەك بەردى.ئىگىلىنىشلەرگە قارىغاندا،4- ئايدا بىر قېتىم سىناق قىلىنغان بولۇپ، ئۇ چاغدا 30 مېتىر ئېگىزلىكتە ئۇچقان. يەتتە مىنۇت داۋاملاشقان. نۆۋەتتە بۇ كەشپياتچى بۇنىڭ ئۈچۈن 98 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى خەجلىگەن. بىراق ئۇ بۇنىڭدىنمۇ كۆپ مەبلەغ سالىدىكەن. ھەمدە بۇ خىل ئۇچۇش قورالىنى كۆپ مىقداردا ئىشلەپچىقىرىشى مۇمكىنكەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-6-2 10:47:24 ئۇقۇلۇشى: 267 قېتىم] |
|