ئوغۇل دوستى ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن قىزدىن ماشىنىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى |
24 ياشقا كىرگەن جېجياڭلىق ئېجېيخاۋنىڭ دېيىشىچە، ئۇ «سەممىيلىكڭىز بولمىسا ئاۋارە قىلماڭ» پروگراممىسدا سۈن يالىنى توي قىلىش ئوبىكتى قىلىپ تاللىغان. بىراق توي ئىشىغا كەلگەندە سۈن يالى تۇيۇقسىز ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشنى خالىمىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قىزغا سوۋغا قىلغان تېلېۋىزور ۋە باۋما ماركىلىق ماشىنىسىنى قايتۇرۇۋىلىشنى تەلەپ قىلغان. ئې جېيخاۋ ئەرزنامىدە مۇنداق دېگەن: 2010- يىلى 9- ئايدا. جېجياڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «سەمىمىيلىكىڭىز بولمىسا ئاۋارە قىلماڭ» پروگراممىسىدا سۈن يالى بىلەن تونۇشۇپ قالغان. ھەمدە ئىككەيلەن مۇھەببەتلەشكەن. توي ئىشىغا كەلگەندە، سۈن يالى يىنىۋالغان. توي قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئېجېيخاۋ سۈن يالىغا سوۋغا قىلغان داڭلىق ماركىلىق تېلېۋىزور ۋە BMW -318 تىپلىق ماشىنىنىسىنى قايتۇرۇۋالماقچى بولغان. لېكىن سۈن يالى قايتۇرۇشنى رەت قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئېجېيخاۋ كۆپ قېتىم سۈن يالىنى ئىزدىگەن. لېكىن سۈن يالى رەت قىلغاچقا، ئاخىرى ئېجېيخاۋ سوتقا ئەرز قىلغان. ئۇنىڭ قارىشىچە گەرچە ماشىنا سۈن يالىنىڭ نامىغا سېتىۋىلىنغان بولسىمۇ، ئۇ بۇنى توي قىلىش مەقستىدە ئۇنىڭغا سوۋغا قىلغان. ئۇ توي قىلىشنى رەت قىلغاندىن كېيىن ماشىنىنى قايتۇرۇشى كېرەك ئىكەن. نۆۋەتتە بۇ دېلو داۋاملىق سوتلانماقتا.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-5-30 21:08:05 ئۇقۇلۇشى: 707 قېتىم] |
|