ئىراندا نېفىت ئايرىش زاۋۇتى پارتىلاپ كېتىپ ئۆلگەن ۋە يارىلانغان ئادەم 23 كە يەتتى |
شىنخۇا تورى تېھران 5-ئاينىڭ 24- كۈنى تېلېگراممىسى: ئىراننىڭ غەربىي جەبۇبىي قىسمىدىكى ئابادان نېفىت ئايرىش زاۋۇتىدا 24- ماي تەبئىي گاز ئېقىپ كېتىش سەۋەبىدىن پارتلاش يۈز بېرىپ، بىر ئادەم ئۆلۈپ، 22 ئادەم يارىلاندى.ئىران ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پارتلاش يۈز بەرگەندە، ئىران زۇڭتۇڭى ئەھمەد نىجاد بۇ نېفىت ئايرىش زاۋۇتىنىڭ يېڭى تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتكەنلىك مۇراسىمىغا قاتناشماقچى بولغان. لېكىن ئۇنىڭغا زىيان يەتمىگەن. بۇ مۇراسىممۇ ئۆتكۈزۈلمىگەن.پارتلاشتىكى قويۇق ئىس ۋە قاچقان گازدا كىشىلەر زەھەرلىنىپ قالدى.نۆۋەتتە ئوت ئۆچۈرۈلۈپ، يارىلانغانلار دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلدى.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-5-24 20:21:17 ئۇقۇلۇشى: 181 قېتىم] |
|