«ئالدىن بىلگۈچى»لەر 12-ئۆكتەبىر قىيامەت بولىدۇ دەپ جار سالدى |
جۇڭشىن تورى 5- ئاينىڭ 24- كۈنى تېلېگراممىسى: چەتئەل ئاخبارات خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا خىرىستوس ئائىلە رادىئو ئىستانسىسىنىڭ 89 ياشلىق ئىستانسا باشلىقى ھارولد. كەمپىڭ يېقىندا بايانات ئېلان قىلىپ،5- ئاينىڭ 21- كۈنى قىيامەت بولىدۇ، دېگەن ئىدى. بۇ پۈتۈن يەر شارىنىڭ كۈلكىسىگە قالدى. بىراق ئۇ بۇنىڭلىق بىلەن بەل قويۇۋەتمىدى. ئۇ بۇ «تەلىماتى» غا يەنە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، مۇنداق دېدى: خۇدانىڭ مىھرىبانلىقىدىن ئىنسانلارنى بەش ئاي ئازاپتا قويماسلىق ئۈچۈن ئۇ 10- ئاينىڭ 21- كۈنى بۇ دۇنيانى تامامەن ئاخىرلاشتۇرىدۇ.كەنمىڭ «ئائىلە رادىئو ئىستانسىسى » دا ئاممىدىن كەلگەن بىر پارچە خەتنى تىلغا ئېلىپ،2011- يىلى 10- ئاينىڭ 21- كۈنى قىيامەت قايىم بولىدۇ،دېدى.5- ئاينىڭ 21- كۈنى دۇنيا ئاخىرلىشىدۇ، دېيىلگەندىن كېيىن،نۇرغۇن كىشىلەر خىزمەتلىرىدىن ئىستىپا بېرىپ، مال- مۈلكىنى سېتىۋەتكەن.بىراق بۇ كۈن تىپتىنىچ ئۆتۈپ كەتتى.
مەنبە: gb.cri.cn
2011-05-24 06:07
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-5-24 20:20:15 ئۇقۇلۇشى: 419 قېتىم] |
|