دۇڭبېي تورى مۇدەنجياڭ 17 - مايلىق خەۋىرى يېقىندا كىچىك بالىلار ئارىسىدا بىرخىل قەغەز پۇل مودا بولۇۋېتىپتۇ ، بۇ خىل پۇل خەلق پۇلىغا ئىنتايىن ئوخشايدىكەن . مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار « ئۇيۇنچۇق پۇل »نىڭ دۆلەتنىڭ خەلق پۇلى باشقۇرىشىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى .
5 - 16 كۈنى ياڭ خانىم مۇخبىرلارغا 100 يۈەنلىك « ئۇيۇنچۇق خەلق پۇلى » دىن بىرنى كۆرسەتتى . بۇ قەغەز پۇلنىڭ ئۈستىدىكى ئادەمنىڭ سۈرىتى ئورنىغا كارتون رەسىم شۇنداقلا ئازراق كىچىك بولغاندىن باشقا قالغان يەرلىرى پۈتۈنلەي دىگۈدەك ئوخشايدىكەن ، ئۇ مۇنداق دېدى :« بۇنداق قىلغانلىق خەلق پۇلىنى كۆزگە ئىلمىغانلىق ھېسابلىنىدۇ . »
مۇخبىر زىيارەت قىلىپ ، يەسلىدىكى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپتىكى نۇرغۇن بالىلارنىڭ بۇرۇن بۇنداق« ئۇيۇنچۇق پۇل » نى ئويناپ باققانلىقىنى ، ئۇيۇنچۇق دۇكانلىرىنىڭ ھەممىسىدە « ئۇيۇنچۇق پۇل » نى ئۇچراتقىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىدى . 5 موغا 100يۈەندىن تارتىپ بىر موغىچە بولغان بىر يۈرۈش پۇلنى ئالغىلى بولىدىكەن . « ئۇيۇنچۇق پۇل » ھەددىدىن زىيادە ئوخشاش بولغانلىقتىن بەزى بالىلار ئاپتۇبۇسقا بىر يۈەنلىك « ئۇيۇنچۇق پۇل » نى تاشلايدىكەن .
شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش شىركىتىنىڭ پۇل يىغىش مەركىزىدىكى ۋاڭ فامىلىلىك خادىمنىڭ دىيىشىچە « ئۇيۇنچۇق پۇل » نى بىر يۈەن ئورنىدا تاشلىغان ئەھۋاللار بۇلارغا ئۇچراپ بېقىپتۇ ، شۇڭا ئۇلار ھەرقايسى ماشىنا ئەترەتلىرىگە ھوشيارلىقنى ئاشۇرۇشنى تاپىلاپتۇ .
جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ پۇل چېكى بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى لى ئەپەندىنىڭ دىيىشىچە ، پۇل دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ھوقوقىنىڭ بەلگىسى . جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇل باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىدە چوڭايتىلغان ياكى كىچىكلىتىلگەن خەلق پۇلىنى ئىشلىتىشكە ، سېتىشقا بولمايدۇ ، شۇنداقلا دۇكانلاردا ياكى ئېلانلاردا خەلق پۇلىنىڭ نەقىشىنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ دەپ بەلگىلەنگەن . ناۋادا بايقاپ قېلىنسا سودا - سانائەت ئورگانلىرى بىلەن بىرلىشىپ مۇسادىرە قىلىنىدۇ . ساتقانلارغا 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ .