قىزنىڭ قۇلىقىدىن 30 چۈمۈلە چىقتى |
جۇڭشىن تورى 5- ئاينىڭ 20- كۈنى تېلېگراممىسى: تەيۋەن ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تەيبىېلىك 16 ياشلىق قىز دائىم يېتىپ تۇرۇپ بىر نەرسە يىگەچ، بىر تەرەپتىن قۇلىقىنى كولاشنى ياخشى كۆرىدىكەن. يېقىندا قىزنىڭ قۇلىقى قاتتىق قىچىشقان، دوختۇرغا بېرىپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئۇنىڭ قۇلىقىدا 30 قا يېقىن چۈمۈلە بارلىقى بايقالدى. بۇ «چۈمۈلە ئۇۋىسى» دوختۇرلارنىڭ داۋالىشى نەتىجىسىدە ياخشىلانغان. دوختۇرلارنىڭ قارىشىچە،بۇ چۈمۈلىلەر يىمەكلىكلەرنى سۆرەپ قۇلاققا كىرىپ كەتكەن ئىكەن. دوختۇرلار ئاممىنى ھەرخىل قۇرت ۋە ھاشارەتلەرنىڭ قۇلاققا كىرىۋىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئەسكەرتىدۇ.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-5-21 0:30:10 ئۇقۇلۇشى: 578 قېتىم] |
|